ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

مائاشلىقلارنىڭ پۇل جۇغلاش ماھارىتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
   

پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە مائاشلىقلارنىڭ ئادەتلەنگەن پۇل جۇغلاش تەرتىپى ئانچە-مۇنچە تەسىرگە ئۇچرىدى. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياتچان بولمىسا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرگە دېققەت قىلىشى لازىم. بەلگىلىك قەرەلسىز پۇل ئامانىتىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەدە تەۋرىنىش بولغان چاغدا، ئائىلىسىگە كېلىدىغان ناچار تەسىردىن ساقلىنىش لازىم. قەرەللىك ئامانەت قويۇلغان پۇل چوقۇم ئائىلىنىڭ ئۈچ ئايلىق خىراجىتىنى قامدىيالىشى كېرەك. مائاشلىقلار ئىلكىدىكى نەق پۇل مەبلىغىدىن ئازراق ئاجرىتىپ، پۇل تېپىش تۈرىگە سالغىنى تۈزۈك. بۇ چاغدا مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاساسلىق پۇل جۇغلاش تۈرى قەرەللىك ئامانەت، قەرەلسىز ئامانەت، قىسقا مۇددەتلىك دىرىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان مەھسۇلات ۋە پۇل فوندلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىسى بولسا كۇپايە. بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇشمۇ ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش. مەسىلەن، قەرەلى ئوخشىمايدىغان ئامانەت تۈرلىرىنى تاللىغاندا، ئۆسۈم كىرىمىنى ئەپچىللىك بىلەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا «ئايمۇ ئاي ئۇلاپ ئامانەت قويۇش» تۈرى مىسال بولالايدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ھەر ئايدا بەلگىلىك پۇل ئامانەت قويىلىدۇ. بارلىق ئامانەت چېكىنىڭ قەرەلى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما، قەرەلى توشىدىغان ۋاقىت ئارىسىدا بىر ئايدىن پەرق بولىدۇ. پۇل جىددىي كېرەك بولغاندا، قەرەلى توشقان ياكى توشۇشقا ئاز قالغان ئامانەت پۇلنى ئېلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈمدىن زىيان تارتىدىغان ئىش بولمايدۇ. خېيىم-خەتىرى چوڭ مەبلەغ تۈرىنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىپ، پۇل يوقاپ كېتىدىغان تەقدىردىن نېرى تۇرغان تۈزۈك. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: مائاشلىقلار فوند ئارقىلىق مۇقىم مىقداردا قەرەللىك مەبلەغ سېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىنى تۈزۈك. بۇ چاغدا مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت بەلگىلىك مىقداردا فوندقا مەبلەغ سېلىش تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئازنى جۇغلاپ كۆپەيتىش كېرەككى، قىسقا مۇددەتلىك تەۋرىنىش ۋە ئىگىز-پەسلىكتىن ئەنسىرەپ، كەينىگە چېكىنىشكە بولمايدۇ. بىراق ئائىلىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئويلاشمىسىمۇ بولمايدۇ. مۇۋاپىق سۇغۇرتا سېتىۋېلىش پىلانىنى تۈزۈش كېرەك. مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن، مائاشلىقلار ئائىلىسى خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىشقا دېققەت قىلىشى كېرەك. يەنى، ئادەمنىڭ ئۆزى دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان خېيىم-خەتەرلەر، يەنە يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، ئېغىر كېسەللىكلەر خەۋپىنى ئويلىشىش ۋە مېيىپ بولۇپ قالسا تولۇقلىما قىلىش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى دېگەنلەرنى ئويلاشمىسىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇن ۋاكالىتەن ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ بەرگەن بولسا، كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سودا خاراكتېرلىك سۇغۇرتا سېىتىۋېلىشنى ئويلاشمايمۇ بولمايدۇ.    
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!