لى خۇا
5 – ئاي كىرىشى بىلەن، ‹‹چېگرادىكى بوستانلىق›› دەپ نام ئالغان ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. نارات، كۆندىلەڭ قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىدا 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، قىسمەن مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىش مىقدارى %80تىن ئېشىپ كەتتى.
شىنجاڭدا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات دولقۇنىدىكى بىر كارتىنىدىنلا ئىبارەت.
بىر يىلدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدا شىنجاڭنى ئېچىش – قۇرۇش چوڭ دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، تۇرپان – قۇمۇل ئويمانلىقىدىن تارتىپ ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىغىچە بولغان ھەممە يەردە جۇشقۇن قۇرۇلۇش ناخشىسى ياڭراپ، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.
بۆسۈش: ئىقتىسادنىڭ يارقىن نۇقتىسى كۆپ ساھەدە ئىپادىلەندى
2009 – يىلىدىكى چۈشكۈن ھالەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 2010 – يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تېز ئەسلىگە كېلىپ، يىل بېشىدىكى مۆلچەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپلا قالماي، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بىردىنلا 30 مىليون ئادەم – قېتىم كۈتۈۋېلىنىپ، ساياھەت كىرىمى 30 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇلتۇردىن باشلاپ، گېزىتلەردە كۆمۈرگە ئائىت خەۋەرلەر كۆپىيىپ، كۆمۈرنى چۆرىدىگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى بەس – بەستە يولغا قويۇلدى.
شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى 2010 – يىلى 11 – ئايدا پۈتۈپ غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۇزاق يىل ئۆز ئالدىغا ئايلىنىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئېنېرگىيە يەتكۈزىدىغان ‹‹يۇقىرى سۈرئەتلىك يول›› ئېچىلغاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشتە يۈرۈشلۈك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن توك يەتكۈزۈش لېنىيەسى ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئېنېرگىيە تونېلىغا ئايلاندى.
ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىدىكى ‹‹چىڭخۇا›› كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونىدا، كۆمۈردىن تەبىئىي گاز چىقىرىش تۈرىنىڭ ‹‹يادرولۇق›› قۇرۇلۇشى بولغان گازلىق قۇرۇلما سېخىدا 16 پار قازاننىڭ ھەممىسى تولۇق قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ‹‹چىڭخۇا›› سانائەت رايونىدا 1 – قارارلىق كۆمۈردىن تەبىئىي گاز چىقىرىش تۈرى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹خۇانېڭ›› گۇرۇھى، ‹‹خۇاديەن›› گۇرۇھى قاتارلىق ئېلىمىزدىكى بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار شىنجاڭنىڭ مول كۆمۈر بايلىقىغا تايىنىپ، ئىلى دەرياسى ھەۋزىسى ۋە شەرقىي جۇڭغار رايونىدا تۈر پىلانىنى بەس – بەستە يولغا قويۇۋاتىدۇ، دېمەك، شىنجاڭنىڭ كۆمۈردىن گاز چىقىرىش دەۋرى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.
بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدىن ئىبارەت ئۈچ سۇپىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشتا پۇختا قەدەم بېسىلىپ، باغۋەنچىلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. شىنجاڭ ئۈچ چوڭ يەرمەنكىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 30 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، ماسلاشتۇرۇش يىغىنى، سودا يەرمەنكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش كېلىشىم سوممىسىنى 65 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى.
ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش: ھالقىما تەرەققىياتتىكى زۆرۈر تاللاش بولدى
‹‹سەنيى›› غەربىي شىمال ئېغىر سانائەت كەسىپلەر رايونى تۈرى 2011 – يىلى 20 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا رەسمىي يولغا قويۇلدى. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۈسكۈنە ياساش كارخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلىشىپلا 50 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈسكۈنە ياساش كەسپى ۋە كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭىچە سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى ۋە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسى بىلەن غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە بۇ يىل 1 – ئايدا تۇنجى قېتىم يېڭىچە سانائەتلىشىش تۇتقا قىلىنىپ، ‹‹يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرنەچچە پىكىر›› ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن يېڭىچە سانائەتلىشىش مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.
‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىۋۇ مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭنى تەرەققىياتتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، گۇرۇھىمىزنىڭ بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى، خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى بازىسىنى قۇرۇپ چىقىمىز. بۇ يىل 1 – پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سانائىتىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم تەڭلا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان سانائەت قوشۇلما قىممىتى جەمئىي 48 مىليارد 116 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.11 ئاشتى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ تەڭ ئاشتى.
نەتىجە: بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى
بىر يىلدىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىكى يولداشلار بېيجىڭغا كۆپ قېتىم بېرىپ، ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش››، ‹‹ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر قۇرۇلۇش، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيەگە ئائىت زور تۈر، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشى، پەرقلىق كەسىپلەر سىياسىتى ۋە ئىككى چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن كۆپ قېتىم كېلىشىپ، بىر تۈركۈم تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى 2010 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2010 – يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، %10.6 ئاشقان؛ جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 353 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %25.2 ئاشقان؛ ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 119 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %34.7 ئاشقان؛ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 13 مىڭ 644 يۈەنگە يېتىپ، %11.3 ئاشقان؛ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 4643 يۈەنگە يېتىپ، %19.6 ئاشقان.
ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا دائىر سانلىق مەلۇماتقىلا ئەمەس، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىشەنچىسىگىمۇ ياخشى ‹‹ئاساس سېلىندى››.
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشتە بولدى. قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تېز تەرەققىياتىنى كۆرگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى ۋە كادىرلار چەكسىز ئىلھاملىنىپ ۋە جاسارەتكە تولۇپ، بىردەك كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئىرادىسىگە كەلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بۇلتۇردىن باشلاپ ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئوبرازىنى ھەقىقىي تىكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نىڭ تەسىرىدە، جايلاردا ئەمەلىي ئىش قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ھەر خىل تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قەدىمى تېزلىتىلدى.
بىر يىلدىن بۇيان، يېڭى تۈرلەر بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتى. يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا، يەنە يېڭى تۈرلەر يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا يەنىمۇ پۇختا ئاساس سېلىندى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.