
جۇڭگو ئاخبارات تورى 18–يانۋار تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، تۇنىس زۇڭلىسى چاننۇچ ( Ghannouchi ) شۇ يەر ۋاقتى 17–يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۆۋەتتە ، يېڭى مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
خەۋەردە ئېيتىلىشچە ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ، زۇڭلى چاننۇچ ۋە سابىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ، مالىيە مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىمۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ ، كونكرېت ۋەزىپىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان .
زۇڭلى چاننۇچ ، سابىق ھۆكۈمەتتىكى خىيانەتچىلىككە ئائىت ھەرقانداق قىلمىشنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما سابىق ھۆكۈمەتنىڭ بىرمۇ ئەمەلدارىنى ئىچكى كابېتنقا قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان . دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرى پايتەخت تۇنىس شەھىرىدە سۇ پۈركۈش ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قويۇپ بېرىپ نامايىشچى ئاممىنى تارقاقلاشتۇرغان .
نۆۋەتتە ، تۇنىس شەھىرىدە يەنىلا نۇرغۇن تانكا قىسمى ۋە تولۇق قوراللانغان زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، چارلاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ . زۇڭلى چاننۇچ : ‹‹ تۇنىس خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ، ئىككى ئاي ئىچىدە ئاشكارا ۋە ئادىل سايلام ئېلىپ بارىدۇ ›› ، دېگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، تۇنىس زۇڭتۇڭى بىن ئەلى تۇنىس مەركىزىي بانكىسىدىن 1.5 توننا كېلىدىغان ئالتۇننى ئېلىپ ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن . مەلۇماتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئالدىنقى ھەپتە بىن ئەلىنىڭ ئايالى تۇنىس مەركىزىي بانكىسىدىن بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا قىممىتى 65 مىليون ئامېرىكا دوللار كېلىدىغان ئالتۇننى ئېلىپ كەتكەن .