ئامېرىكا يېڭى بىر ئەۋلاد بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ تەسۋىرىي سۈرىتى
ئامېرىكا « ئاۋىئاتسىيە ھەپتىلىكى ۋە بوشلۇق تېخنىكىسى » تورىنىڭ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى تونى 12-يانۋار ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، F-35 تۈرى ئىلگىرلىشىنىڭ كېچىكىشىنى ئويلىشىپ، ھاۋا ئارمىيىسى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان، بىرلا ۋاقىتتا يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئىككى تۈرنى كېلەركى ئايدىكى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 2012-يىللىق مالىيە خام چوتىغا قاراپ چىقىشىغا سۇنماقچى بولغان. تونىي يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋاقتىنى ئاشكارلىمىغان، ئەسلىھە سانىنىمۇ ئاشكارلىمىغان. ئۆتكەن نەچچە يىلدىكى بىر تەتقىقات تۈرىدە، بىر ئەمەلدار 100 دانە يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن قوراللىنىش تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
تونىي 2009-يىلدىكى بىكار قىلىنغان يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان تۈرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانغا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكا قوللىنىش ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىلىش مۇساپىسى ۋە قوراللىنىش سانىغا كاپالەتلىك قىلىپ، B-1B ۋە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلان سەپتىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تونىي يەنە گەرچە يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان يادرو ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىمۇ، ئەمما يادرو زەربىسى بېرىش ئىقتىدارىنى تېزلا ھازىرلىشى ناتايىن دەپ كۆرسەتكەن. سانائەت تارماقلىرى يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانغا يادرو زەربىسى بېرىش ۋەزىپىسىنى ھەم ئەنئەنىۋى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىيالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ.