ياخشى چۈش كۆرۈڭ

ۋاقتى:2010-12-12 18:00مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئاپتۇرى مەمىتىمىن ھوشۇر

مەھەللىمىزنىڭ چېتىدە خېلىلا چوڭ بىر ئاممىۋى باغچا بار . پېنسىيىگە چىققانلار ئاخشىمى- ئەتىسى شۇ يەرگە يىغىلىپ قالىمىز . نېمە ئىش بار دەيسىلەر ؟ بەزىلىرىمىز شاھمات ئوينايمىز ، بەزىلىرىمىز كورت؛ بەزىلىرىمىز بايىلا يەپ چىققان تاماقنى سىڭدۈرۈ ش ئۈچۈن ئۇششاق چامداپ ئۇياق - بۇياققا ماڭىمىز ، ئوڭدا يېتىپ دۈم قوپۇپ ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارمۇ بار ؛ يەنە بەزىلىرىمىز ئولتۇرىۋىلىپ ، ھازىر بازاردا نېمە ئەرزان ، نېمە قىممەت ، قايسى ئاغرىققا قانداق دورا پايدا قىلىدۇ ، ئاخشام تېلىۋوزوردا قانداق يېڭى نۇمۇرلارنى قويدى ، كىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى ، كىم ياش خوتۇن ئېلىۋالدى ؛ پېنسىيىگە چىقىپ دۇكان ئېچىپ كىم پايدا ئالدى ، كىم زىيان تارتتى ...دېگەندەك پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمىز . 

www.iz.la

كەچكى تاماقتىن كېيىن ، ئازراق سالقىنداي دەپ باغچىغا چىقىۋىدىم ، كۆل بويىدا قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، ئېڭىشىپ كېتىپ بارغان ئۇبۇل ئەپەندىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئۇ ، ياش ۋاقتلىرىدا باشلانغۇچ ، ئورتا مەكتەپلەرگە مۇئەللىم بولغان ، كېيىنكى ئۆمرى نەشرىياتتا ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش بىلەن ئۆتكەن كونا زىيالى ئىدى . مېنى كۆرسە دائىم : 
- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، دېھقان ئۇنداق ئۇلۇغ ، مۇنداق ئۇلۇغ ، دەپ شېئىر يازىسىلەر ، ھەربىرىڭلىنى دېھقان بول ، دەپ شۇ يېزىغا ئاپىرىپ قويسا زادى قانچە كۈن تۇرارسىلەر ؟... توۋا ، مۇشۇ كۈنلەردە ئانىسىنى ئۆمۈر بويى قاقشاتقان ئاغىنىلەر ۋاي ئانام دەپ شېئىر يېزىپ ھالى قالمايدىغان بولى - ھە؟ ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن چېقىشىپ قوياتتى .ئۇبۇل ئەپەندىنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزۇن بولغانىكەن . شۇ تاپتا بۇ ئۇرۇق ئادەم يەلكىسىنى بىر پاتمان غەم بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ كېتىپ باراتتى . 
copyright by www.iz.la

- ھاي ئۇبۇل ئەپەندىم ، ئۇبۇل ئەپەندى ! - دەپ چاقىردىم . 
ئۇبۇل ئەپەندى بېشىنى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە قارىدى دە- مېنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ قولىنى پۇلاڭلاتتى . ئوتتۇرىمىزنى ياپيېشىل سۇ ئوتلىرى بېسىپ كەتكەن كۆل ئايرىپ تۇراتتى . ئىككىمىز ئالدىراش بىر - بىرىمىزگە قاراپ مېڭىپ ، كۆلنىڭ بىر بۇرجىگىدە ئۇچراشتۇق . قىزغىن سالاملىشىپ ، شۇ ئەتراپتا تۇرغان بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق . - 
- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، ئىلھام ئىزدەپ چىقتىڭىزمۇ نېمە ؟- دېدى ئۇبۇل ئەپەندىم چاقچىقىنى باشلاپ ، - سىلەرنىڭ ئىشىڭلار نېمدىگەن ئوڭاي ، مانا مۇشۇ لەش باسقان كۆلنى كۆرۈپ دېڭىزنى كۆردۈم ، دەپ شېئىر يېزىۋىرىسىلەر ، بۇ باغقا تولا چىقىدىغان بولىۋالدىڭىز ، ئاز كۈندىن كېيىن " جەننەتنى كۆردۈم " دەپ شېئىر يازىسىزغۇ دەيمەن ؟ 
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

- ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ - دېدىممەن كۈلۈپ . 
-قەدىر ئەھۋال . 
-قارىسام ، غەم باسقاندەك بولۇپ مۈكچىيىپلا قاپسىز . 
- ھە ، خىيال ... ) 
- نېمە خىيال ئۇ ئۇبۇل ئەپەندىم ؟ 
- قارىمامسىز ، خەق دېگەن پۇلنى شاراقشىتىپ غازاڭدەك خەجلەيدىغان بولۇپ كەتتى . بىز بولساق قېرىدۇق ، قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ ، شۇ ئازغىنە پىنسىيە پۇلىنى ئايدىن - ئايغا قانداق ئۇلاشتۇرارمەن ، دېگەن خىيال ! 
- يېقىندىن بېرى قىزىق گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ ؟ 
- نېمە توغرىسىدا ؟ - دەپ ماڭا ئەجەپلىنىپ قارىدى ئۇبۇل ئەپەندى . 
- ئاڭلىسام ، سىز كوچىدا قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىز ؟ 

ئىز تورى www.iz.la


- كىمدىن ئاڭلىدىڭىز ؟ 
- ئاڭلىدىم ، بىر ئەمەس ، بىر - ئىككەيلەندىن . 
- قىپقىزىل يالغان ! 
- توۋا ، ئۇلار قاراپ تۇرۇپ ئۈستىڭىزدىن مۇشۇنداق يالغاننى توقۇغانمىدۇ ؟! 
- سىز شۇ گەپكە ئىشەندىڭىزما ؟ ... ھەرقانچە بولسىمۇ مەن مۇشۇ سالاپىتىم بىلەن كوچىدا قىپيالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرەرمەنمۇ ؟! 
ئوبۇل ئەپەندىم ئورۇق گەۋدىسىنى رۇسلاپ ، سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى . 
- ئەمدى ، ئادەم دېگەن قېرىغاندا ھەر قىسما بولۇپ قالىدۇچۇ ، - دېدىممەن ، - پېنسىيىگە چىققاندىن بېرى ئۆيدىن چىقماي تېلېۋوزۇرلا كۆرىدىغان بولىۋالدىڭىز ، تېلىۋوزوردىكى يالىڭاچ خوتۇنلارنى تولا كۆرۈۋىرىپ : مەنمۇ بىر شۇنداق چىقىپ باقمايمەنمۇ ، دەپ قالدىڭىزمۇ دەيمىنا ؟   
www.iz.la

- توۋا دەڭا 
- ئەمىسە بۇ گەپ نەدىن چىقتى ؟ 
- سىزگە راست گەپنى قىلسام ، چۈشۈمدە شۇنداق يالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن . قىزىقچىلىق قىلىپ بىر - ئىككەيلەنگە سۆزلەپ بەرگەندەك قىلىۋىدىم . 
- تازىمۇ غەلىتە ئىش بوپتۇ -ھە !...قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىزما ؟ 
يەنە كېلىپ نەدە دېمەمسىز ؟ كۈپكۈندۈزدە ، نەق قايناق بازارنىڭ ئىچىدە . 
- ھېچ بولمىغاندا ئۈستىڭىزدە ئاسما مايكا بىلەن كالتە ئىشتانغۇ باردۇ ؟ 
-ھېچنىمە يوق ، ئانىدىن تۇغما پېتىم . _ 
- يائاللا ، مۇشۇ ئورۇق بەستىڭىز بىلەن ھە !؟ 
...بازاردىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىگە بىر قۇرۇق ئىسكىلىت مېڭىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ، چۇرقىرىشىپ تەرەپ - تەرەپكە قاچقاندۇ ؟  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- قىزىق يىرى شۇ ، ھېچكىم ماڭا قاراپ ھەيرانمۇ بولمىدى ، تەرەپ - تەرەپكىمۇ قاچمىدى ، كۆپىنچە ئادەملەر مېنى كۆرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كچەك ، دەپ بىرمۇنچە نېمىلەرنى ئۈستىگە ئوشۇقچە يۈك قىلىپ ئارتىۋالغانلىقىغا خىجالەت بولۇشتىمۇ - قانداق ، ھەممىسلا قىزىرىپ يەرگە قاراشتى . تېخى بىر كوچا ساقچىسى يېنىمدىن چاس بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى . بىر كىرا پىكاپى يانداپ كېلىپ : خىزمىتىڭىزدە بولايمۇ ؟ - دېۋىدى ، " كېرەك ئەمەس!" دەپ قولۇمنى سىلكىدىم . 
- " ماقۇل " دەپ ، يالىڭاچ پېتى پىكاپقا كىرىپ ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ قىزىق بولاتتىغۇ ، دەيمەن ؟ 
- پىكاپقا ئولتۇرۇپ نېمە قىلاتتىم ؟ ... پىكاپقا ئولتۇرغاندىن كېيىن كىرا ھەققىنى تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ . يالىڭاچ ئادەمدە نەدە پۇل ، پۇل سالىدىغانغا يانچۇق ؟ ... ئاشۇنداق پىيادە ، بەھۇزۇر مېڭىپ كېتىۋىرىپتىمەن . كۆرگەنلەر : چىرايىڭىز ناھايىتى جىددىي ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ، بەك سالماق مېڭىپسىز ...- دېيىشتى .  ئىز تورى بەك ياخشى
-نېمە دەيدىغانسىز ؟ - دەپ ھەيران بولدۇممەن ، - چۈشىڭىزدە يالىڭاچ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەنلەرمۇ بارمىكەن ؟ - نېمە بولىۋاتىسىز ؟ - دەپ مەندىن بەتتەررەك ھەيران بولدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - مەن دېگەن بازاردا كېتىۋاتقان تۇرسام ، ھەممە ئادەم كۆرمەيتىمۇ ؟ 
- ھە بوپتۇ ، سۆزلەۋېرىڭ! 
شۇنداق قىلىپ ، يالىڭاچ كېتىۋىرىپتىمەن . شەھىرىمىزنىڭ چېتىدىكى ھېلىقى چوڭ مەيداننى بىلىسىزغۇ؟   
- قايسى مەيداننى دەيسىز ؟... يۈك ماشىنا ، پىكاپلارنىڭ سودىسى بولىدىغان مەيداننى دەمسىز ؟
-ۋاي خۇدايىمەي ، سىز نېمانداق ھە دېسە ماشىنىنىڭلا گېپىنى قىلىسىز ، پىكاپ ساتىدىغان يەردە مەن نېمە قىلاي ! ھېلىقى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى تازا قىزىق بازار بولىدىغان مەيدانچۇ ؟ توپتوغرا شۇ يەرگە بېرىپلا توختاپتىمەن . نەدىن كەلگەن قەھرىمانلىقكىن بىلمىدىم ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئېگىز يەرگە چىقىپ ،: " خالايىق ! " دەپ نۇتۇقنى باشلاپتىمەن .  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

- يالىڭاچ پېتىڭىز ؟ 
- يالىڭاچ پېتىم . 
ھەممە خەق كۈلۈپ دومىلاپ كېتىشكەندۇ ؟ 
- كۈلسىمۇ ئىچىدە كۈلدىمۇ ، بىلمىدىم . قارىسام ، ھەممەيلەن نېمە دەركىن ، دەپ ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ . " خالايىق ، ھازىر جاھان ئىلگىرلەپ نەگە كەتتى ؟ ۋاقتنىڭ قەدىمى قايسى ئەسىرگە يەتتى ؟ بىز قاچانغىچە ئىپتىدائىي ئادەملەردەك زىبۇ - زىننەت دەپ رەڭلىق تاش - مېتاللارنى ئېسىۋىلىپ ، يۈز - كۆزلىرىمىزگە ھەرخىل بوياقلارنى سۈركەپ ، ئەخمەقلەرچە كۆرەڭلەپ يۈرىمىز ؟ لاتا - پىتىلەرگە يۆگىلىۋىلىپ ، ئەيىبلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن يوشۇرۇشقا نەھاجەت !؟ ... ئىنسان بۇ دۇنياغا يالىڭاچ تۆرەلگەن ، يەنە ياپيالىڭاچ كېتىدىغۇ . ماڭا قاراڭلار ، مانا مەن ئەلگە قىرىق يىل ئىشلەپتىمەن ، كۆپچىلىكتىن يوشۇرغىدەك ھېچنىمەم يوق . تېرىلىرىمنىڭ ئاستىدىكى قوۋۇرغىلىرىممۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . تۇغۇلۇپ قانداق يۆگەككە يۆگەلگىنىمىزدىن باشلاپلا پىشانىمىزگە باي - كەمبەغەللىك ، تەلەيلىك - تەلەيسىزلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىشقا باشلاپتۇ . ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۆگىكى ئەمەس ، يۆگەك ئىچىدىكى ۋۇجۇدى بەلگىلەيدىغۇ ؟!... كىمىكى كۆپنىڭ ئالدىدا قورقۇنچى بولمىسا يالىڭاچ بولالايدۇ . قېنى ، كيىم - كېچىكىمىزنى سېلىپ تاشلاپ ، ئوچۇق - ئاشكارا بولايلى !....دەپتىمەن . يەنە نېمىلەنرى دېگىنىم ئېسىمدە يوق . ئەيتاۋۇر بىرمۇنچە ۋالاقلىغان ئوخشايمەن . شۇنىڭ بىلەن ، قانداق بولدى دېمەمسىز ؟ پۈتكۈل بازار ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇپ ، ھەممە بەس - بەستە كىيىم -كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىغىلى تۇردى . 

copyright by www.iz.la

- پەرۋەردىگار ، نېمە دەيدىغانسىز ؟ ئۇ يەردە ئاياللارمۇ بولغىيتتى ؟  ئىز تورى www.iz.la

- ھازىرقى كۈندە بازاردىكى ئادەمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئايال دەڭا ! 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- ئاياللارمۇ كىيم - كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىدىما ؟ 
-سالدى ! ... سىزنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا چۈشەنچىڭىز قانچىلىككىن ، بىلمىدىم . ئايھاي ، خۇدا ياراتقان ئىنساننىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرەي دېسىڭىز ، ئۇنى يالىڭاچ ھالەتتە تاماشا قىلىڭ ! ئاياللارنىڭ نۇرلىنىپ تۇرغان قامىتى ، ئىشلەمچىلەرنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇلجۇڭ گۆشلىرى ، كاسىپلارنىڭ چىڭقالغان كۆپكۆك تومۇرلىرى ، دېھقانلارنىڭ كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان مىسرەڭ تېرىلىرى ... بۇلارنىڭ ھەربىرى ئىنسان پورتېرىتىنى سىزىدىغان رەسسام ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ماتېرىيال بولۇپ ئاشىدۇ. بايا ئۇلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ تۇرغان ئۈستىدىكى كونا - يىرتىق لاتا - پىتىلەر ئىكەن ... ھەممەيلەن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىۋىدى ، تېخىچە خۇدۇكسىنىپ كىيمىنى سالالماي مەھكەم ئورۇنىۋالغانلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈشكە باشلىدى . يەنە كېلىپ ئۇلار كىملەر دېمەمسىز ؟ تازا پوزۇر كېيىنىپ ، يۈز - كۆزىنى ئالا - يېشىل بويىۋالغان خېنىملار ، شەھەرنىڭ ھارامدىن بېيىغان بايلىرى ، جانى جىڭ دەپ ساتىدىغان كاززاپلار ، زادى قانداق پۇل تېپىپ ھوزۇر - ھالاۋەت سۈرۈۋاتقنىنىنى بىلىپ بولمايدىغان سىرلىق مەخلۇقلار ، " خوش غوجاملار ، قېنى ھەرقايسىلىرىمۇ ماۋۇ ئۈستىلىرىدىكى جەندازلىرىنى سېلىشىپ باقماملا ، زادى قانداق ئادەملىكلىرىنى بىر كۆرۈپ باقايلى ! " دەپ بەزىلەر ئۇلارغا ھۈرپەيدى . ئۇلارنىڭ كېيىملىرىنى تەرەپ - تەرەپتىن تارتقۇشلاپ سالدۇرۇشقا باشلىۋىدى ، ئەپت- بەشىرسى ئاشكارىلا بولدى . كېلەڭسىز يوغىرىغان قوساقلار ، كۈن نۇرىنى كۆرمەي لەشتەك ساڭگىلاپ كەتكەن تېرىلەر ، ئەيش - ئىشرەت ، قىمار سورۇنلىرىدا خۇنىنى يوقىتىپ كۆكەيگەن بەدەنلەر ، قان - يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان نۇمۇسلۇق جايلار ..ۋاي قويۇڭ ، بولارنىڭ بەزىلىرىگە ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى باشقىدىن كىيگۈزۈپ قويمايمۇ بولمىدى . مانا ، بەزىلەرنىڭ ئۈستىدىكى چۈمبەردىسىنى قايرىۋەتسىڭىز كارامىتى شۇنچىلىكلا ئىكەن ...نېمە ساراڭلىقىم تۇتتى ، ھېلىقى يالىڭاچ ئاغىنىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە تۇرغان ئېگىز بىناغا قاراپلا مېڭىپتىمەن . ئىشىكنىڭ ئالدىدا پىكاپقا چۈشۈپ قاچماقچى بولغا بىرسىنى تۇتىۋالدۇق . بۇكىم دېمەمسىز ؟ ھېلىقى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى سېلىشقا مەسئۇل بولغان پالانچى . ئىككى يىلدا پۈتىدۇ دېگەن بىنا تۆت يىلدىمۇ پۈتمەي ، ئاخىرىدا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكىنىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى پۈتمىگىنى بىلەن بىر قانچە ئەمەلدارنىڭ شەخسى داچىسى ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولدى . ھە -ھۇ بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ھەيران قالدۇق .ئىككى قولى نەق جەينىكىدىن ئەگرى ئىكەن . پۈتكۈل شەھەرنى يالماپ يۈتۈۋىلىپ ، ھېچكىمگە قۇيرۇق تۇتقۇزماي يۈرۈدىغان يەنە بىرى نەق پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىلا ئۇچراپ قالدى . " ئاللا - توۋا " دېگىنىگە قويماي ئۇنىمۇ يالىڭاچلىۋىدۇق ، قورسىقى تۆت ، ئاشقازىنى سەككىز بولۇپ چىقتى . ئىش بىلەنكىرگەن ھەربىر ئادەمدىن مىڭلاپ سوم پارا يېمەي قويمايدىغان يەنە بىرىنى زالنىڭ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ تۇتىۋالدۇق .  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئۇ ئەبلەخ نېمىشقا كېچىسى يوتقانغا كىرگەندىمۇ گالستۇكنى يەشمەي ياتىدىكىن دېسەك ، ئۇنىڭ گېلىنىڭ ساق يىرى يوق ئىكەن . ھەممە تەرىپى تۆشۈك ئىكەن . بۇ بالا - قازاغا دەسلەپتىلا ئۇچرىغان ھېلىقى ئۈچى : مۇنداق يالىڭاچلىغىلى تۇرساڭلار بۇ بىنادا بىجىرىم ئادەم چىقامدۇ ؟ يالڭاچلايدىغان گەپ بولسا ھەممىنىلا يالىڭاچلاڭلار ، بىزدىنمۇ غەلىتە ئىنسانلارنى كۆرۈسىلەر ، دەپ ئالدىمىزغا چۈشۈپ ، بىزنى بۆلۈممۇ بۆلۈم باشلاپ كىرگىلى تۇردى .قاراڭ بۇلاردا ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ ؟ ئىش تەتۈرىگە ئايلانسا مۇشۇنداق بىر بىرىنى ساتقىلى تۇرىدۇ . قېنى قىزىپ كەتكەن ئاغىنىلەر ئۇچرىغاننى يالىڭاچلاۋەردى . ئۆزلىرىگە ئىشەنچىسى بارلىرى ئۈن -تىنسىز كىيىملىرىنى سالدى . خۇدىكى بارلىرى " ۋاي دات!" سېلىپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . قاچقانغا قويماي تۇتۇپ كىيىمىنى يەشتۇق . بۇ يەردىكى يالاقچى ، خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەپتىنىڭ سەتلىكىنى دېمەمسىز ، خوش ، خوش ، دەپ ئېگىلىۋىرىپ دۈمبىللىرىنىڭ ئۇستىخىنى قايناپ دوكقا ئايلىنىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ ... مانا شۇ چاغدا ، بىزنىڭ تېخى چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن يۇقىرى قەۋەتتىن شەھەر باشلىقى چۈشۈپ كەلدى  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- بىزنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ باشلىقىنى دەمسىز ؟ 
- نەق ئۆزى ، بولۇۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ تاتىرىپ ، پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىدا توختاپ قالدى . بىزمۇ بىر دەقىقە تېڭىرقاپ قالدۇق . نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ دېگەن بىر پۈتۈنسۈرۈك شەھەرنى باشقۇرۇۋاتقان ئادەمدە! ھەممىمىزنى سۈر باستى . " بۇ-بۇ - بۇ ...نې ..نې...نې..گى..گى..گى .." دېدى ئۇ . ئەسلىدە شەھەر باشلىقى " بۇ نېمە گەپ ؟ " دېمەكچى بولسا كېرەك . ئۆمرى كاتىبلىرى يېزىپ بەرگەن سۆز تېكىستلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بۇ ئادەمنىڭ قولىدا كاتىبى يازغان بىرەر ۋاراق قەغەز بولمىسا نەق كېكەچنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەيلى ، ئۇنىڭ زادى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدۇق . " قېنى ھە ، نېمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟ جانابى شەھەر باشلىقىنىمۇ بىر يالىڭاچلاپ باقمايلىمۇ ؟! " دەپ ۋاقىرىدى ئارىمىزدىن بىرەيلەن . دۈررىدە ئورنىمىزدىن قوزغىلىشىمىزغا قاتتىق بىر پۈشتەك چېلىنماسمۇ ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، خۇداغا شۈكرى ، ئۆيدە كارىۋىتىمدا يېتىپتىمەن . سەھەر ۋاقتى سائەت ئالتە بولغان چېغى ، باش تەرىپىمدىكى ئۈستەل سائىتى قاتتىق جىرىڭلاپتۇ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئاپلا ، ئۈستەل سائىتىڭىز تازىمۇ بىر چاغدا جىرىڭلاپتۇ - ھە ! دېدىممەن قىزىق گەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئەپسۇسلىنىپ . 
- شۇنى دېمەمسىز ، دېدى ئۇبۇل ئەپەندى ، - شەھەر باشلىقىنى يالىڭاچلاپ باققان بولساق ، يەنە نېمە قىزىقچىلىقلارنى كۆرەتتۇقكىن ؟!... 
گەپ بىلەن بولۇپ كۈننىڭ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇق . ئوبۇل ئەپەندى قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى -دە ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ 
- قانداق ، شائىر ئەپەندىم ، ئەگەر ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا ، كۆپنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىشقا جۈرئىتىڭىز يېتەمدۇ ؟- دەپ سورىدى . 
- سىز يالىڭاچلىنالىغان يەردە مەن نېمىشقا يالىڭاچلىنالمىغۇدەكمەن ؟! - دېدىممەن . 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- ناتايىن ! - دېدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - ھەرھالدا ، كېيىم - كېچەك دەپ ئۈستىمىزگە ئارتىۋالغان بۇ لاتا - پىتىلەر ىېلى كۆپ ئەيبلىرىمىزنى يېپىپ تۇرۇپتۇ . ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى تېشىدىنلا ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىش بولسا ، ئۇ چاغدا ، خېلى - خېلى يوغان گەپ قىلغانلارمۇ تالاغا چىقالماي قالىدىغۇ ، دەيمەن!؟ 
ئۇبۇل ئەپەندى شۇ گەپلەرنى قىلىپ خوشلىشىپ ماڭدى 
- ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئۇبۇل ئەپەندىم ! - دېدىممەن . ! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە؛ ئانا دىيار مۇنبىرى

www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...

  • جاۋاپسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...

  • ساڭا بەخىت تىلەيمەن

    بىلەمسەن گۈلۈمسىنى سېغىندىم،سىنى شۇنداق باغرىمغا چىڭ باسسام دەيمەن لىكىن يېنىمدا سەن يوق ،سېغىنىشلىرىم تېىخىمۇ بەك ئەۋجىگە چىقىپ يۈركۈم كۈيىۋاتىدۇ ،ياق پۈتۈن ۋۇجۇدۇن كۈيۋاتىدۇ . مانا بۇ سىنڭ ماڭا بەرگىنىڭ مانا بۇ مىنىڭ سىنىڭدىن ئېرىشكىنىم ، بۇ ئوت يۈركۈمن...

  • قىسىمەت دەرىخي

    ئىسەجان سۇلتان ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قاتتىق ئىسسىقتا ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قالغان قۇرت قوڭغۇزلار بوغۇق غوڭۇلدايتتى. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىن زىلال سۇلۇق ئېرىق ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەمرىيىم ئىككىمىز ئانام ياققان نانلاردىن بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، ئېرىققا ئېقىت...

  • ھەي... نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى ئالدىغا سېلىپ بالسى بىلەن بازارغا چىققان ئىكەن . بۇنى كۆرگەن يولۇچىلاردىن بىرى؛ (ئەخمەق قېرى، بالسىنى بولسىمۇ ئېشەككە مىنىدۈرۈپ قويسا بولماسمىدى) دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم دەرھال باكسىنى ئىشەككە مىندۈرۈپ ، ئۆزى پى...

  • تۈلكىنىڭ ئۆلۈمى

    قادىرنىياز ، توقسۇن ھوشۇر     بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ھىيلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. ئۇ ئولتۇرسا – قوپسا باشقىلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان، بىر قېتىمدا بىرنەچچە ئولجىنى قولغا چۈشۈرىدىغان...

  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...