ئادەممۇ؟ ئۇ...

ۋاقتى:2010-12-03 18:28مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل ۋە مىھرى مۇھاببەتكە تولغان بولسىمۇ ئەپسۇس..... ئىز تورى بەك ياخشى

*<2010-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۈشەنبە . بۇ كۈنى ھاۋا ناھايتى ئوچۇق بولۇپ ئەتىگەندىلا پارقىراپ چىققان كۈندىن، بۈگۈنكى ھاۋانىڭ ناھايتى ئىسسىق بولىدىغانلىغىنى بىلگىلى بولاتتى . ئەمەت ( 44 ) ياش ، ئادەتتە ھەر كۈنى سەھەردە ،  ئايالىنىڭ تاماقنى پىشۇرۇپ بۇلۇپ ئويغۇتىشىدىن   ئورنىدىن تۇرۇپ ، يۈزىنى چالا- بۇلا يۇيۇپلا تامىقىنى ئالدىراپ يەپ ، ئايالىنىڭ ئالدىن تەييارلاپ قويغان چۈشلۈك تامىقىنى ئېلىپلا ئالدىراپ ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان قۇرۇلۇش ئورنىغا چاپاتتى . بىراق بۈگۈن ئەمەتنىڭ ئايالى ئۆيىدە يوق بۇلۇپ ، ئىككى كۈن ئىلگىرى بالىلىرىنى ئېلىپ ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇم تام دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەچ ، قىزى ۋە كۈيئوغلىنى يوقلاپ كەتكەن ئىدى .       ئەمەت ۋاقچە ئويغاندى-دە، بىر تال تاماكا چەككەچ نىمىنىدۇر خىيال قىلىپ ، تىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىندى ۋە ئۇرۇن-كۆرپىلەرنى بىر بۇلۇڭغا يىغىپلا ئالدىراپ ئۆيدىن چىقتىدە  ، ئۇدۇل دولان باغچىسىغا كېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئايالىدىن يۇشۇرۇنچە ئارىلىشىۋاتقان ئاشنىسى تۇرسۇناي ئىشلەۋاتقان ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى . بۇ چاغدا سائەت(ئۈرۈمچى ۋاقتى) 9 بولغان چاغلار ئىدى . تۇرسۇناي (23 ) ياش ، ئەمەتنى كۆرۇپ ، ئادەتتىكىدىن بەكراق جانلىنىپ كەتتىدە ، ئىتتىك ئەمەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋال سوراپ ، ئەمەتنىڭ ئالدىغا بىر قاچا لەغمەن كەلتۇردى.    ئەمەت تامىقىنى يەپ بۇلۇپ ، بىر قاچا ئاش سۈيى ئىچىۋىتىپ بىرنى كېكىردى-دە،سارغۇچ چىشلىرىنى كوچىلىغاچ ، تۇرسۇناينىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا سەپ سېلىپ ئولتۇردى . بۇ ۋاقىتتا ئاشخانىغا تۇرسۇناينىڭ جىيەن قىزى گۈلقىز (12 ياش) ، چۇلدۇرلىغىنىچە كىرىپ كەلدى-دە ، ئۇدۇل بېرىپ قاچا يۇيىۋاتقان  ھاممىسىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ قۇچاقلىدى . تۇرسۇناي ئىتتىك ئارقىسىغا ئۆرۇلۇپ گۇلقىزدىن «ئاپاڭ قېنى، كىم بىلەن كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى . گۈلقىز ئۆزىنىڭ شەھەرگە ئاپىسى مەريەم بىلەن بىللە كەلگەنلىگىنى ، ئاپىسىنىڭ شەھەردە ھامۇت (ئەر دوستى) بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ بىللە تاماق يەپ بۇلۇپ ئۆزىنىڭ ھامۇت بىلەن ئازراق ئىشى بارلىغىنى ، شۇڭا گۈلقىزنى باغچىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قۇيۇپ«كىرىپ تۇرسۇناي ئاچاڭنىڭ قېشىدا تۇرۇپ تۇرغىن ، ئىشىم تۈگىگەندە كېلىپ ئېلىپ كېتىمەن » دەپ قۇيۇپ ، ھامۇت بىلەن بىللە كەتكەنلىگىنى دەپ بەردى .     گۇلقىز ئۆزى كىچىك بولسىمۇ لېكىن بىردەممۇ ئارام ئالماي ، تۇرسۇنايغا ياردەملىشىپ ، بىردەم قاچا - قۇچىلارنى يۇيسا بىردەم كۆكتات ئادالايتتى . شۇ ئالدىراشچىلىقتا ئارىدىن ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى . ئارىدا گۈلقىز بىردەم ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا ئەمەت ئۇنىڭغا ئۈچ يۈەن پۇل بېرىپ گازىر ئەكەلتۈردى . گۈلقىز گازىر چېقىپ بۇلۇپ تۇرسۇنايغا« ئاچا مېنىڭ باغچىنى تۇللۇق كۆرگۈم بار ئىدى،  بولسا بىللە باغچىنى ئايلاندۇرغان بولسىڭىز » دىدى.  بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۇرسۇناي « بىردەم ساقلاپ تۇرغىن ، ھېلى قۇلۇم بىكار بولغاندا ئايلاندۇراي » دەپ جاۋاپ بېرىپ قۇيۇپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى . بۇچاغدا كۆڭلىگە شۇم خىيال پۈككەن ئەمەت گۇلقىزغا « يۈر ، سېنى مەن ئايلاندۇرۇپ كېلەي  » دىدى ۋە گۇلقىزنى ئېلىپ باغچىنى ئايلاندۇرۇپ ، ئۇدۇل ئارقا تەرەپ بىلەن مېڭىپ ، قىزىل كۆۋرۈككە بېرىپ قالدى ۋە گۇلقىزغا « يۈر بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى»  دىدى . گۈلقىزنىڭ كىچىككىنە يۈرىگى خۇددى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك « ياق ، سېنىڭ ئۆيۈڭگە بارمايمەن ، مېنى بازار تەرەپكە ئاپار » دېدى . شۇ ھامانلا ئەمەت قورسۇقىنى تۇتۇپ « ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتىدۇ ، ئۆيگە بېرىپ دۇرامنى يەۋالاي، ئاندىن سېنى بازار ئايلاندۇرۇپ بولۇپ ئاچاڭنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قۇياي » دىدى . گۈلقىز ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان خەۋىپنى قىلچە سەزمەستىن  ماقۇل بولۇپ ، ئەمەت بىلەن بىللە ئەمەتنىڭ ئىگەچى يېزىسىدىكى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۋاتقان ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە ئەمەت ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى گۈلقىزغا بىرىپ «سەن ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ تۇرغىن،مەن دوغاپ ئەكىلەي»دەپ ئۇدۇل  نېرىدا دوغاپ سېتىۋاتقان دوغاپچىنىڭ قېشىغا بېرىپ ، ئىككى چىنە دوغاپنى ئېلىپ ئۆيگە كىردى ۋە گۇلقىزنىڭ ئۆيدە DWD كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ،بىر چىنە دوغاپنى گۇلقىزغا بەردى.گۇلقىز دوغاپتىن ئازراق ئىچىپلا قالغىنىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى . بۇ چاغدا ئەمەت دوغاپ ئىچىپ بىكارلىغان چىنىنى بىر چەتتە قۇيۇپ ئاستا گۇلقىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ گۇلقىزنى ئۆزىگە تارتىپ سۆيدى. گۈلقىز يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ «ئاپامنىڭ يېنىغا كېتىمەن،ئاپا» دەپ ۋارقىراپ تىپچەكلىدى، ئەمەت ۋارقىرغىلى قويماي،گۈلقىزنى مەجبۇرىي ھالدا كارۋاتقا بېسىپ  ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ،ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى سېلىپ جىنسىي ئەزاسىنى قىزنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا كىرگۈزدى گۈلقىز «ئاپا» دەپ ۋارقىراپ قاتتىق تىپىرلاپ كەتتى . ئەمەت قاتتىق ئەسەبىيلەشكەن ھالدا گۈلقىزنىڭ بوينىغا سىيرىلىپ چۈشۈپ قالغان ياغلىغىنى بوينىغا ئىككى يۆگەپ چىڭ بۇغدى.بۇ چاغدا گۈلقىزنىڭ يۇزى كۆكىرىپ ئىككى قولىنى قالايمىقان چۆرىدى، بۇنى كۆرۇپ ئەمەت گۇلقىزنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ بوينىدىكى ياغلىقنى يەنىمۇ چىڭراق بۇغۇپ باسقۇنچىلىق قىلىپ بۇلۇپ،قاراپ بېقىپ گۇلقىزنىڭ تىنىقىنىڭ ئاللىقاچان توختاپ قالغانلىغىنى،ئەمما ئاغزىدىن توختىماي كۆپۇك چىقىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ،ئۇرۇنغا ياپقان ئەدىيالنى ئېلىپ ئۈستىگە يېپىپ قۇيۇپ، ئۆينىڭ ئىشىگىنى تاقاپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .     بۇ چاغدا سىرتتا تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگۈرۈپ ، يامغۇر قاتتىق قۇيىۋەتتى. تۇرسۇناي گۇلقىزنى تاپالماي ئەمەتكە تېلفۇن ئۇرۇپ گۇلقىزنى سورىغاندا،ئەمەت ئۆزىنىڭ گۇلقىزنى بۇرۇنلا تۇرسۇناينىڭ ئاشخانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويغانلىغىنى،ئۆزىنىڭ ھازىر بىر «ئاغاينىسى» بىلەن  سىرتتا بىللە تاماق يەۋاتقانلىغىنى،ئۆزىنىڭ تاماق يەپ بۇلۇپلا تۇرسۇناينىڭ يېنىغا بېرىپ گۇلقىزنى بىللە ئىزدىشىپ بېرىدىدانلىغىنى دەپ، ئاندىن مونچىغا بېرىپ يۇيۇنۇپ تۇرسۇناينىڭ ئىشلەۋاتقان يېرىگە كەلدى ۋە ئۇ يەردە مەريەم،ھامۇتلار بىلەن كۇرۇشۇپ،گۇلقىزنى ئۇلار بىلەن بىللە ئىزدەپ تاپالماي،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقىردىغانغا دىيىشىپ قۇيۇپ قايتىپ يۇقارقى تۆتەيلەن ئايرىم ياتاق ئاچقۇزۇپ،بىللە يېتىپ 29-چىسلا يەنە بىر كۇن ئىزدەپ گۈلقىزنى ھىچ يەردىن «تاپالمىغان» دىن  كېيىن   ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىپ كەچتە ئەمەت ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئەل ئايىقى بېسىققاندا گۈلقىزنىڭ جەسىدىگە ئىشتىنىنى كەيدۇرۇپ ئاندىن جەسەتنى  كۈمەر قاچىلايدىغان تاغارغا سېلىپ يۇدۇپ ئاپىرىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپ،ئەتىسى (30-چىسلا)سەھەردە خاتىرجەم ھالدا ناماز ئۆتەپ ئاندىن ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەۋاتقاندا ماھىر رازۋىتچىكلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ،2010-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيۇنچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بۇيۇنچە قولغا ئېلىندى.    بىگۇناھ قىزنىڭ جەسىدى6-ئاينىڭ 30-كۇنى سەھەردە دولان ئۆستىڭىدە ئۆستەڭ قىرىدىكى چاتقاللارغا ئىلىنىپ قالغان بۇلۇپ ، بۇنى يەنە ھەممىدىن ئاۋال ئۇششاق سەبى بالىلار كۆرگەن ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە؛ قۇمدىيار بىلوگى   بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(8)
72.7%
ناچار
(3)
27.3%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...

  • جاۋاپسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...

  • ساڭا بەخىت تىلەيمەن

    بىلەمسەن گۈلۈمسىنى سېغىندىم،سىنى شۇنداق باغرىمغا چىڭ باسسام دەيمەن لىكىن يېنىمدا سەن يوق ،سېغىنىشلىرىم تېىخىمۇ بەك ئەۋجىگە چىقىپ يۈركۈم كۈيىۋاتىدۇ ،ياق پۈتۈن ۋۇجۇدۇن كۈيۋاتىدۇ . مانا بۇ سىنڭ ماڭا بەرگىنىڭ مانا بۇ مىنىڭ سىنىڭدىن ئېرىشكىنىم ، بۇ ئوت يۈركۈمن...

  • قىسىمەت دەرىخي

    ئىسەجان سۇلتان ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قاتتىق ئىسسىقتا ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قالغان قۇرت قوڭغۇزلار بوغۇق غوڭۇلدايتتى. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىن زىلال سۇلۇق ئېرىق ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەمرىيىم ئىككىمىز ئانام ياققان نانلاردىن بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، ئېرىققا ئېقىت...

  • ھەي... نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى ئالدىغا سېلىپ بالسى بىلەن بازارغا چىققان ئىكەن . بۇنى كۆرگەن يولۇچىلاردىن بىرى؛ (ئەخمەق قېرى، بالسىنى بولسىمۇ ئېشەككە مىنىدۈرۈپ قويسا بولماسمىدى) دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم دەرھال باكسىنى ئىشەككە مىندۈرۈپ ، ئۆزى پى...

  • تۈلكىنىڭ ئۆلۈمى

    قادىرنىياز ، توقسۇن ھوشۇر     بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ھىيلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. ئۇ ئولتۇرسا – قوپسا باشقىلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان، بىر قېتىمدا بىرنەچچە ئولجىنى قولغا چۈشۈرىدىغان...

  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...