ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ، كورىيە زۇڭتۇڭلىرى بىردەك نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ چاۋشيەنگە قارىتىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2010-يىلى11-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   23 ــ نويابىر ، يەنپىڭ ئارىلىنىڭ توپقا تۇتۇلغان ۋاقتىدىكى كۆرۈنۈش   چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاق ساراي شۇ جاي ۋاقتى 23–نويابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كورىيە زۇڭتۇڭى لى مېڭبونىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەربىي مەشىق
  

  

23 ــ نويابىر ، يەنپىڭ ئارىلىنىڭ توپقا تۇتۇلغان ۋاقتىدىكى كۆرۈنۈش

  چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاق ساراي شۇ جاي ۋاقتى 23–نويابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كورىيە زۇڭتۇڭى لى مېڭبونىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەربىي مەشىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

    ئاق ساراينىڭ باياناتىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىردەك كەلگۈسى نەچچە كۈن ئىچىدە ئىككى دۆلەتنىڭ زىچ بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا ــ كورىيە ئىتتىپاقىنىڭ كۈچى ۋە رايونلارنىڭ تېنچلىقى ، بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى نامايەن قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان . 

    ئوباما ، كورىيە زۇڭتۇڭى لى مېڭبوغا ، ئامېرىكا ئىتتىپاقدىشى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىزچىل بىر تەرەپتە تۇرىدۇ ، دەپ كاپالەت بەرگەن .

     چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى تونېر ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ‹‹ ئېھتىياتچان ۋە بىردەك ›› ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇ يەنە بىز جۇڭگو ھەمدە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز ، دېگەن .

    شۇ يەر ۋاقتى 23 ــ نويابىر ، ئوباما يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاخبارات تارماقلىرىدىكى مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا ، بىز كورىيەنى قوللاشتا ھەرگىز تەۋرىنىپ قالمايمىز ، دېگەن .

    كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ 23 ــ نويابىردىكى ھەربىي توقۇنۇشىغا نىسبەتەن ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ، ئامېرىكا بىلەن كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ 23 ــ نويابىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ئامېرىكىنىڭ كورىيە بىلەن بىردەك ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . 

    كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوماندانلىق ئىشتابى 24 ــ نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ ، كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ 28 ــ نويابىردىن 1 ــ دېكابىرغىچە كورىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مانىۋېرغا ئامېرىكىنىڭ ‹‹ جورج . ۋاشېنگىتون ›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى قاتنىشىدىكەن .

 
25 ــ ئىيۇل ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ جورج . ۋاشېنگىتون ›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى بىلەن 9200 توننا ئېغىرلىقتىكى قوغلىغۇچى پاراخوتى كورىيەنىڭ فۇشەن پورتىدىن ئايرىلىپ ، كورىيەنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ساھىلىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى
 
 
24 ــ نويابىر ، كورىيەنىڭ رېن چۈەن پورتىدا ، ھەربىي پاراخوتلار يەنپىڭ ئارىلىغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇماقتا
 
 
24 ــ نويابىر ، كورىيەنىڭ رېن چۈەن پورتىدا ، ھەربىي پاراخوتلار يەنپىڭ ئارىلىغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇماقتا
( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!