جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2–نويابىر شىنجاڭ ماناس ناھىيەسىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى زۇمرەت ، غەلىتە تاش سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ماناس ناھىيەسىدىن ئېغىرلىقى 45.6 توننا كېلىدىغان زۇمرەتتاش قېزىۋېلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى يېشىغا توشقان 15 پىلنىڭ ئېغىرلىقىغا باراۋەر كېلىدىكەن .
2–نويابىر ، مۇخبىر شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى زۇمرەت قاشتىشى سودا كوچىسىغا كېلىپ ، بۇ يەردىكى سوزۇلۇپ ياتقان غايەت زور مەخلۇققا ئوخشايدىغان قاشتېشىنى كۆردى. بۇ قاشتېشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر، كەڭلىكى 3.2 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، زۇمرەت قاشتېشىنى كۆرگىلى كەلگەن قاشتېشى ھەۋەسكارلىرى قاشتېشىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ، ئۇنىڭ يېشىللىق دەرىجىسىنى ھەمدە سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى باھالىماقتا ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ زۇمرەتاشنى ماناس ناھىيەسىدىكى تاش سودىگىرى تاغدىن سېتىۋېلىپ ، ناھىيە بازىرىغا يۆتكەپ ئېلىپ كەلگەن . تاش سودىگىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، نۇرغۇنلىغان تاش سودىگەرلىرى بۇ زۇمرەتتاشنى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ باھادا كېلىشەلمىگەن . ماناس ناھىيەسى بۇ يىل ‹‹جۇڭگو زۇمرەتتاش مەركىزى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن .
شىنجاڭ ماناس ناھىيە زۇمرەت ، غەلىتە تاش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جا ۋىنخوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ زۇمرەتتاش چوڭ ھەيكەل ياساشقا ئەڭ ياخشى ماتېرىيال بولالايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يوغان ، مۇكەممەل ، سۈپىتى ياخشى زۇمرەتتاش ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ماناس زۇمرەتتېشىنىڭ تارىخىي ئۇزۇن بولۇپ ، گۇگۇڭ مۇزېيىدا ماناس زۇمرەتتېشى ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان تارىخىي بۇيۇملار ناھايىتى كۆپ ئىكەن . ماناس زۇمرەتتېشى رەڭگى يېشىل ، ناھايىتى سۈزۈك بولغاچقا جوڭگودىكى تۆت چوڭ قاشتېشى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان . ماناس دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۈزۈك سۇ دەريا ئېقىنىدا بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم زۇمرەتتاش بايقالغان ، لېكىن 45.6 توننا كېلىدىغان بۇنداق غايەت زور تاشىنىڭ تېپىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىكەن .