31-ئۆكتەبىر دۇنيا نوپۇسى يەتتە مىلىيارد قا يىتىدۇ
u_a_client="1003";
u_a_width="468";
u_a_height="90";
u_a_zones="1003";
u_a_type="0"
31-ئۆكتەبىر دۇنيا نوپۇسى يەتتە مىلىيارد قا يىتىدۇ
(25-ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ يىڭى دېھلىدىكى بىر پويىز ئىستانسىسىدا مىغىلدىشىپ يۈرگەن كىشىلەر)
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى دوكلاتىدا ئالدىن قىلىنغان سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا بۇ ئاينىڭ
31-كۈنى ،يەنى كىيىنكى ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى يەر شارى ئومۇمى نوپۇسى يەتتە مىلياردقا يېتىدىكەن. يەتتە مىلىياردىنجى بوۋاق دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلىشى مۇمكىنكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە جۇڭگو ھازىرمۇ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ ھىندىستان ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىكەن. لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ نوپۇس سىياسىتىدىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى نوپۇسنىڭ ئېشىشى سۈرئىتىدە پەرق بار بولۇپ
2025 -يىلىغا يەتكەندە ھىندىستان نوپۇسى جۇڭگو نوپۇسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
بەزى ئالىملار نوپۇس كۆپۈشۈش مەسىلىسىگە قارىتا " يەر شارى يەنە قانچلىك بەرداشلىق بىرەلەيدۇ؟" دەپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئەگەر يەر شارىدىكى ھەر بىر كىشى تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا يەر شارى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئاران
2مىليارد ئادەمنى باقالايدىكەن. لېكىن ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم كېرەك بۇلىدىغان ئەڭ تۆۋەن يېمەك-ئىچمەك چىقىمى بويىچە ھېسابلىساق يەرشارى
12مىليارد ئادەمنى باقالايدىكەن.
لېكىن يەنە بەزىلەر "بۇ خىل نوپۇسنى ھىساپلايدىغان تەتقىقاتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ، ئادەملەرنىڭ بالا توغۇش ھۇقۇقىنى يوق قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا كۈچ سەرپ قىلىپ يۇقىرى تېخنىكىلىق دېھقانچىلىقنى ۋە مۇھىت ئاسراش قۇرۇلمىلىرىنى كۈچەيتكەن تۈزۈك " دەپ قارىغان. (دىلئارام)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!