جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو خەۋىرى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ:
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ناھىيەسى 27-ئۆكتەبىر باش ۋەزىر يوشىخىكونوداغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى فۇتېنما بازىسىنىڭ ئوكىناۋا ناھىيەسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى گۇۋامغا كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكىناۋا ناھىيەسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشمىگەن فۇتېنما بازىسىنى كۆچۈرۈش لايىھەسى ئىشقا ئاشمايدۇ، ياپونىيە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇتېنما بازىسىنى كۆچۈرۈش بىرلەشمە باياناتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك؛ ئامېرىكا ئۇكىناۋادا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى گۋامغا كۆچۈرۈپ، كادېنا بازىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسلىھەلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشى؛ ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورنى كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ يەنە ۋەقە سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!