26–ئۆكتەبىر، ئېتىرازچىلار برازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدىكى ‹‹سۈبھى›› بازىرى ئەتراپىدا سەييارە نامايىش قىلماقتا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى: 25–ئۆكتەبىر قوزغالغان سان پاۋلو سېتىقچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 26–ئۆكتەبىر سەھەردە يەنە باشلاندى ، نۆۋەتتە ، توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرى بۇ رايونغا كىرىپ بولدى . 25–ئۆكتەبىر سەھەردە ، برازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر سان پاۋلونىڭ مەركىزىدىكى ‹‹سۈبھى›› بازىرىدا كوللېكتىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، سېتىقچىلار ئاپتوموبىللارنى ۋە يول بويىدىكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئۇرۇپ چېقىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز سېتىقچىلىقنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن . بۇ بازارغا يېقىن جۇڭگولۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ‹‹شەرق›› كوچىسىدا ھازىرچە ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .
26–ئۆكتەبىر، ساقچىلار ‹‹سۈبھى›› بازىرى ئەتراپىدىكى يوللارنى قامال قىلدى
26–ئۆكتەبىر، توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرى ‹‹سۈبھى›› بازىرى ئەتراپىدىكى رايوندا ئېتىرازچىلارغا ياش گازى قويۇپ بەرمەكتە
26–ئۆكتەبىر، ساقچىلار ياش گازى ئارقىلىق ئېتىرازچىلارنى تارقاتماقتا
ئېتىرازچىلار چېقىۋەتكەن ‹‹سۈبھى›› بازىرى ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ 25–ئۆكتەبىر تارتىلغان سۈرىتى
25–ئۆكتەبىر، كىشىلەر ‹‹سۈبھى›› بازىرىدا توپلىشىپ ئېتىراز بىلدۈردى
25–ئۆكتەبىر، ساقچىلار ‹‹سۈبھى›› بازىرى ئەتراپىدا ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلىماقتا
25–ئۆكتەبىر سەھەردە، ئېتىرازچىلار ‹‹سۈبھى›› بازىرى ئەتراپىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى