ئۇنىۋېرسال خەۋەر: شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 13:41 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:41 مىنۇت ئۆتكەندە)، تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدا 7.2 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىدى. ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ئاپەتتە 138 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 350 ئادەمنىڭ يارىلغانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن. تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىكار قىلىپ، شۇ كۈنى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ۋان ئۆلكىسىدىن تىك ئۇچار ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تاغلىق رايونغا ئەۋەتىۋاتىمىز.
تۈركىيە كاندىللى رەسەتخانىسى ۋە تەتقىقات ئورنى ــ تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش مەركىزى مۇنداق دېدى، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۈركىيە ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ماتىرېكلار ئۈزۈلگەن قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈر بېرىپ تۇرىدۇ،بۇ يىل 19- ماي، تۈركىيەنىڭ شىمالىدا يەر تەۋرەش يۈز برىپ، ئاز دېگەندىمۇ 4 ئادەم قازا قىلغان. 8- مارت، 6.0 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 60تەك ئادەم قازا قىلغان، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
مەنبە؛ "دۇنيا تورى".