ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

گو بوشيۇڭ كۇبادا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق ناملىق دا

2011-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: تەكلىپكە بىنائەن كۇبادا زىيارەتتە بولىۋاتقان جۇڭگو مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال پولكوۋنىك گو بوشيۇڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كۇبا ئىنقىلابى قوراللىق قىسىمىنىڭ مۇئەقەت باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك سىتىرا فىرىياسنىڭ ھەمراھلىقىدا كۇبادا زىيارەتتە بولىۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق ناملىق داۋالاش پاراخوتغا چىقىپ، بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى يوقلىدى. گو بوشيۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى تىنچلىق ناملىق داۋالاش پاراخوتىنىڭ كۇباغا قىلغان زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. بۇ جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى، ناھايىتى قويۇق ئىكەنلىكىنى، ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كۇبا ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېنېرال لېيتنانت گوماس ھەمراھ بولغان كۇبا ئارمىيەسى رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!