(جاۋىد ۋەزىر)
خەلىقئارا لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە "قۇياش گىزىتى" نىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، تالىباننىڭ بىر تارمىقىنىڭ كوماندىرى يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ ئەنگىلىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە " روژدىستىۋا قىرغىنچىلىقى" ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتقان. "پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى" نىڭ كوماندىرى جاۋىد ۋەزىر :" 200دىن ئارتۇق ئۈزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ۋە يۇشۇرۇن ئۆلتۈرگۈچى روژدىستىۋا بايرىمىدا ئەنگىلىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغاشقا ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولدى. بىز "غازات قەھرىمانلىرى" گۇرۇپپىسىدىن نۇرغۇننى قۇردۇق. ئۇلار لوندون شەھەر ئاھالىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يەنە باشقا چوڭ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قوزغايدۇ." دېدى . ئۇ يەنە تۇلۇقلاپ " بۇ قېتىمقى غازات قەھرىمانلىرى ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىيگەن بولىدۇ . سىلەر ئەمدى ئۇلارنىڭ يوغان ساقاللىق ئەر ياكى چۈمپەردىلىك ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن تۇنۇۋالالمايسىلەر." دېدى. "پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى " بېنلادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى غەزەپلەنگەن بولۇپ بۇ قېتىم قوزغىماقچى بولغان ھەرىكەت قىساس ئېلىشنىڭ بىر تەركىبى ئىكەن. ئۇلار يەنە بىر يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش تىزىملىكى تۈزۈپ چىققان،خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئوبامامۇ بۇ تىزىملىكتە بار ئىكەن. (دىلئارام)