ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

لى كېچياڭ كورىيە زۇڭلىسى كىم خۇاڭسىك بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا تورى سىئول 26-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: 26-ئۆكتەبىر، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سئول ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال بىناسىدا كورىيە زۇڭلىسى كىم خۇاڭسىك بىلەن كۆرۈشتى.

    لى كېچياڭ ئالدى بىلەن كىم خۇاڭسىكقا زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى . لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو -كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ياخشى بولماقتا . ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرلىمەكتە . جۇڭگو-كورىيە ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت ۋە يېقىن قوشنىلار . جۇڭگو-كورىيەنىڭ ئستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقى ، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق . جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ، باشتىن ئاخىرى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىك نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ ، ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى . جۇڭگو تەرەپ كورىيە بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

    لى كېچياڭ جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى : بىرىنچىدىن ، يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ ، سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش . ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئۇچرىشىش ۋە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى جەھەتلەردە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇش. ئىككىنچىدىن ، سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش . ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ، پۇل مۇئامىلە ، ئوبوروت ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ، ئېنېرگىيە تېجەپ ، مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا پۇل ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى 180 مىلياردتىن 360 مىليارد خەلق پۇلىغا كېڭەيتىش . ئۈچىنچىدىن ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش . 2012-يىلى جۇڭگو-كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلدىن باشلاپ ، ھەر يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدىغان كورىيەلىك ياشلاردىن يەنە 300 نى كۆپەيتىدۇ ، 2015-يىلدىن ئىلگىرى كورىيەگە 1400 نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى ئەۋەتىدۇ . تۆتىنچىدىن ، كۆپ تەرەپلەرنىڭ ، يەنى جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە مۇناسىۋىتى ، 3+10 ۋە شەرقىي ئاسىيا بىر گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش زۆرۈر . 

    كىم خۇاڭسىك زۇڭلى ۋېن جياباۋغا قىزغىن سالام يوللىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : كورىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ، بولۇپمۇ 2008-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى . كورىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى ئاچقۇچ قىلىپ ، سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، تارقىتىش ۋاستىلىرى ، ياشلار ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يېڭى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشنى ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، مۇھىت ئاسراش ، يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

    يېرىم ئارال مەسىلىسىدە توختالغاندا ، لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، يېقىندىن بۇيان ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى بىرئاز پەسەيدى ، جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سۆھبەتلىشىپ ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشىنى ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، رايون تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

    كىم خۇاڭسىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : كورىيە جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ . كورىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ ، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

    

    سۆھبەت ئاخىرىدا، لى كېچياڭ ۋە كىم خۇاڭسىك جۇڭگو-كورىيە پۇل ئالماشتۇرۇش ،  ئېلېكتىرونلۇق سودا ، ئەمگەك مۇلازىمەت ھەمكارلىقى ۋە كارانتىن ھەمكارلىقى قاتارلىق تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى .       

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!