لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافى (ماتېرىيال سۈرەت)
ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 25-ئۆكتەبىر سەھەردە، لىۋىيەدىكى ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر كازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇتاشىم ، لىۋىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇنۇسنىڭ مىيىتىنى لىۋىيەدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر مەخپىي جايغا دەپنە قىلغان ، ئۈچ نەپەر دىنىي زات كازافىنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشقان بولۇپ ، ئاددىيلا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، مىيىتنى دەپنە قىلغان . ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر قولغا ئالغان كازافىنىڭ ئىككى شىرەم تۇغقىنىمۇ دەپنە مۇراسىمغا قاتناشقان بولۇپ ، ئۇلار كازافى جەسىتىنىڭ بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى مەڭگۈ ئاشكارلىماسلىققا قەسەم قىلغاندىن كېيىن ، تۆت-بەش ھەربىي ئاپتوموبىل ئۈچ ئادەمنىڭ مىيىتىنى دەپنە قىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىپ ، ئاددىي مۇراسىمدىن كېيىن كۆمۈۋەتكەن . ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر كازافىنى مەخپىي دەپنە قىلىشنى كېيىنكى كۈنلەردە كازافىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ يەرنى ‹‹ مۇقەددەس جاي›› قىلىۋېلىشىدىن ھەمدە ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنچە بەرگەن .
كازافىنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەردىن كازافىنىڭ مىيىتىنى جەمەتىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ، ئىسلام قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ، بىراق ئىككى تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغاچقا ، ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر ئۆز ئالدىغا كازافىنى قۇملۇققا مەخپىي دەپنە قىلىشنى قارار قىلغان .
شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى : ئۇچىغا چىققان ئۆكتەم ۋە شۆھرەتپەرەس ئادەم كازافىنىڭ مىيىتى 25-ئۆكتەبىر سەھەردە مەخپىي ھالدا لىۋىيەدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر جايدا دەپنە قىلىندى . ھازىرغىچە، لىۋىيەدىكى ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر، كازافىنىڭ تۇغقانلىرى ، جەمەتى ، ھەتتا لىۋىيە خەلقى ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ، كازافى ئۆلۈمى ۋە مەخپىي دەپنە قىلىش شەكلى توغرىسىدا يەنىلا تالاش-تارتىش بولماقتا ، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كازافىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى سادالىرى داۋاملىق ياڭرىماقتا ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆرسەتكەن كازافىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق ھالىتىدىن نارازى بولماقتا.
بەزى ماقالىلەردىكى تەھلىللەردە مۇنداق دېيىلدى : كازافى تۇتۇلغاندىن كېيىن ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرنىڭ قوراللىق خادىملىرىنىڭ تىرىك پېتىلا ئۆلتۇرۇۋېتىشىدە مۇنداق ئاساسلىق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆلتۈرۈپلا دەردىنى ئالماقچى بولغان ، ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرمۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق ئامال قىلالمىغان . يەنە بىرى ، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دۆلەتلەر ۋە ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ، چۈنكى كازافى بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمدە ھازىرقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر ئىچىدىكى بەزى سىياسىي ئەربابلار ئارىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىگە ئېيتىقىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىكلەر بار بولۇپ، ھېچكىم بۇنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىنى خالىمىغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەگەر كازافى تىرىك قالدۇرۇلۇپ سوتقا تارتىلسا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇش كېرەكمۇ ياكى لىۋىيە ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكمۇ، مانا بۇ ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن قىيىن بىر مەسلە، چۈنكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلسە ، نۇرغۇنلىغان لىۋىيەلىك ئىنقىلابچىلار بۇنىڭغا نارازى بولىدۇ ، ئۇلار بۇ ئىچكى مەسىلە ، بۇنى لىۋىيە ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ . غەربتىكى دۆلەتلەر بولسا لىۋىيەنىڭ كازافىنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ.
بەزى تەھىلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، كازافىنىڭ مەخپىي يەرلىككە قويۇلغانلىقى ھەرگىزمۇ مەسلىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن . چۈنكى كازافى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى ۋە ئېچىنىشلىق جەسەت ھەمدە مەخپىي كۆمۈلگەنلىكى ھەرگىزمۇ خەلقئارادا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان مىزان ۋە ئىسلام دىنىي قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن ، ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەت ، كازافىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ، جەمەتى ۋە قەبىلىسىگە بىر مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىش كېرەككەن . كازافىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ، جەمەتى ۋە ئۇنىڭ قالدۇق قوللىغۇچىلىرى ئاسانلا بولدى قىلامدۇ-يوق؟. مەخپىي دەپنە قىلىش راستىنلا مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان سىر بولۇپ قالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس .