26-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭدىكى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 21 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما تەشنا بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى .
قۇرۇلتايدا يولداش جاڭ چۈشيەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7–نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى . ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، بۇ قېتىمنىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى : جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ماركىسىزم - لېنىنىزم ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش .
رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ چۈنشيەن ، نۇر بەكرى ، چې جۈن ، خەن يوڭ ، پېڭ يوڭ ، فۇ چياڭ ، خۇاڭ ۋېي ، شەۋكەت ئىمىن ، نۇرلان ئابىلمەجىن ، سۇڭ ئەيروڭ ، جۇ خەيلۇن ، بەي جىجيې ، كۈرەش مەخسۇت ، ئەركىنجان تۇراخۇن ، خۇ ۋېي ، شيوڭ شۈەنگولار ئورۇن ئالدى .
قۇرۇلتايغا يولداش نۇر بەكرى رىياسەتچىلىك قىلدى . چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30 دا ، نۇر بەكرى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى ، ھەيۋەتلىك مۇزىكا بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ›› نى ئوقۇدى .
ئاپتونوم رايونلۇق 8-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشىلىك ۋەكىل 670 ئادەم ، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل ئۈچ ئادەم بولۇپ ، جەمئىي 673 ئادەم . قۇرۇلتايغا ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 662 ئادەم بولۇپ ، بەلگىلىمىدىكى ئادەم سانىغا ئۇيغۇن .