ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەن ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر بىلەن پايتەخىتتە ئۇرۇش توختۇتۇش توغرىلىق كېلىشتى

2011-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
(يەمەن پىرىزدىنتى سالىھ) جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 26 -ئۆكتەبىر خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتى 25 -ئۆكتەبىر ئۆكتىچىلەر بىلەن پايتەختتە نەچچە ھەپتىگە سۇزۇلۇپ كەتكەن قانلىق توقۇنۇشنى توختۇتۇش توغرىلىق كېلىشتى. كېلىشىم شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن
  

  

(يەمەن پىرىزدىنتى سالىھ)  

 جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 26-ئۆكتەبىر خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتى 25-ئۆكتەبىر ئۆكتىچىلەر بىلەن پايتەختتە  نەچچە ھەپتىگە سۇزۇلۇپ كەتكەن قانلىق توقۇنۇشنى توختۇتۇش توغرىلىق كېلىشتى. كېلىشىم شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دىيىشىچە پايتەخىت سانانىڭ شىمالى قىسمىدىن يەنىلا ئاندا-ساندا پارتلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرغان.     يەمەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخباراتىنىڭ باياناتىچە،  پىرىزدىنت سالىھ ۋە مۇئاۋىن پىرىزدىنت خادىنىڭ رەھبەرلىگى ئاستىدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆكتىچىلەر بىلەن " پايتەخت سانادا ئۇرۇش توختۇتۇش" توغرىلىق سۆزلەشكەن ھەمدە "ھەر ئىككى تەرەپ  قۇراللىرىنى سانادىكى ئاھالىلەر رايونى قاتارلىق جايلاردىن چىكىندۈرۈش، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سانادىكى قۇراللىق تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى بىكار قىلىش ھەمدە بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى تىركىشىش جەريانىدا تۇتۇلغان تۇتقۇنلارنى قۇيۇۋېتىش" قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمىنى تۈزگەن.     "يەمەن ئاگنېتلىقى" نىڭ خەۋىرىدە:نەق مەيداندىكىلەرنىڭ دىيىشىچە 25-چىسلا ئەتىگەن تەرەپتە يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كۈچ كۆرسۈتۈپ نامايىش قىلغۇچىلارغا ئوق چىقىرىپ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇندىن باشقا جەنۇپتىكى تايىز رايونىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ توقۇنىشى بىر ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز پۇقرانىڭ ئۆلۈپ 30 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن ئۈچ ئەسكەرنىڭ  ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. " دىيىلگەن.    يەمەن پىرىزدىنتى سالىھ گەرچە نۇرغۇن قېتىم ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى. يەمەندىكى نارازىلىق ھەركىتى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسىرى يامانلاشتى. يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيانقى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆزئىچىدىن قارشى چىققان قوشۇن ۋە ئۆكتىچى ئارمىيە ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇش ھازىرغا قەدەر 1480ئادەمنىڭ ئۈلىشىنى، ئاز دىگەندىمۇ مىڭدىن ئوشۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 21- ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىردەك قارار ماقۇللاپ، يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىن توقۇنۇشنى دەرھال توختۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە يەمەن پىرىزدىنتى سالىھنى دېڭىز قولتۇغى ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى كومىتىتى ئوتتۇرىغا قويغان يەمەندىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش كېلىشىمنامىسىگە  تىزراق ئىمزا قۇيۇشقا چاقىرغان.    "يەمەن خەۋەرلىرى" 25-ئۆكتەبىر سالىھنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى،لېكىن  ھۇقۇقىنى پەقەت " ئىشەنچلىك، بىخەتەر" ئىز باسارغىلا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى  خەۋەر قىلغان.  (دىلئارام)

(سالىھنىڭ تەخىتىن چۈشۈشى ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتقانلار)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!