ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى پاد

2011-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياددىكى خان ئوردىسىدا 22-ئۆكتەبىر ئەلەمدە ئۆتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە 1-مۇئاۋىن باش ۋەزىرى شاھزادە سۇلتاننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. رىياد ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شاھزادە سالمان قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ياكى ۋەكىللىرى دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. لى لىگو رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ پادىشاھى ئابدۇللادىن ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى، شاھزادە سۇلتاننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شاھزادە سالىمان رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ دەپنە مۇراسىمغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!