جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
كېنىيە ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىيەت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى سەيتود تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ تېزدىن كېنىيە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ چېگرا ھالقىپ سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كېنىيىدە داۋاملىق چەتئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش شۇنداقلا سومالىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئىشىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، كېنىيە بىخەتەرلىك قىسىمى كېنىيىدە ئۇچ قېتىم چەتئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تۇغدۇرغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ئۈچۈن 16-ئۆكتەبىر شەرقىي شىمالدىكى چېگرا رايونلاردىن سومالىغا كىردى، كېنىيە بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى سومالىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى سادىر قىلغان دەپ گۇمان قىلدى، ئەمما ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى بۇنى ئىنكار قىلدى.