تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ماشىنا ئادەم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 22-ئىيۇن خاربىن سانائەت ئۇنۋېرستېتىدا باشلاندى . ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مۇسابىقىگە چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتى ، شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرستېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرستېتلار ۋە ئامېرىكا ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 18 ئۇنۋېرستېتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىدۇ . مۇسابىقىدە ماشىنا ئادەملەر تېخنىكىلىق ماھارەت كۆرسىتىش ۋە يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە بەسلەشكەندىن باشقا يەنە ماشىنا ئادەم پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ .