ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

2010 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھان تەكرارى توغىرسىدا مۇتەخىسسىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى

2010-يىلى04-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە: تەھرىر: ئابلەت چېكىلىشى:قىتىم
2010 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھان تەكرارى توغىرسىدا مۇتەخىسسىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى 2010 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتاھانىغا ئىككى ئايدەك ۋاقىت قالغاچقا ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار غا نىسپەتەن زادى قانداق تەكرار قىلىش بىر قىيىن مەسىلە بۇلۇ
  
2010 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھان تەكرارى توغىرسىدا مۇتەخىسسىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى
2010 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتاھانىغا ئىككى ئايدەك ۋاقىت قالغاچقا ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار غا نىسپەتەن زادى قانداق تەكرار قىلىش بىر قىيىن مەسىلە بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە ئامال بار راسىت ئىمتاھان سۇئاللىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپ تەقلىدىي سۇئاللارنى ئازىراق ئىشلەش كىرەككەن . خۇاتۇ مائارىپ گوروھى دۆلەت مەمۇرلۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يولداش جوڭجۈن مۇئەللىم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تورىنىڭ تېلىفۇن زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى . ئىمتاھانغا چوقۇم پىسخىكا جەھەتتە ياخشى تەييارلىق قىلىش ، جىددىيلەشمەسلىك ، ئىمتاھاندىن ئۆتۈشنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىق لازىم . ئەگەر بېسىم بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە ئىمتاھاندىن ئۆتۈشنىڭ مۇمكىنچىلىك نىسپىتى تۈۋەنلەپ كىتىدىكەن . ئۆزىنى ھەممدىن كۈچلۈك ، ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان پىسخىكا ھالەتنى يىتىلدۈرۈپ ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش لازىم 4000 ئادەم بىلەن رىقابەت قىلىش ياكى 400 ئادەم بىلەن رىقابەت قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر بىرىنجى بۇلىمەن دىگەن ئىدىيەدە ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش ، مۇھىمى راسىت سۇئال ئىشلەش چىڭ قائىدە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئامال بار راسىت ئىمتاھان سۇئاللىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپ تەقلىدىي سۇئاللارنى ئازىراق ئىشلەش كىرەككەن . مىنىڭچە  يولداش جوڭجۈن مۇئەللىمنىڭ تەكلىپى ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشغا  ئەرزىيدۇ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھان سۇئاللىرى ۋە بىر تۇتاش خەلق ساقچىلىققا قۇبۇل قىلىش ئىمتاھان سۇئالىنىڭ  كۆپ قىسىمى  مۇتلەق مەخپى ياكى مەخپى بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ راسىت سۇئاللارنى ئىشلەپ مەشىق قىلىشى سەل تەسكە توختايدۇ ، بىراق ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغىچىلارنىڭ ئامال بار جەمىيەتكە ئاشكارلانغان كىتاپ قىلىپ بېسىلغان ئالدىنقى بىر نەچچە يىللىق راس ئىمتاھان سۇئال جەۋھەرلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپ ئىمتاھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مەنبە ؛ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!