ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 30-ئىيۇن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار ماقۇللاپ ، ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى داۋىد پېترىۋۇسنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇ ق قىسىملارنىڭ با ش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى . ئاق ساراي تەرەپ كەينىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ ،كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قېتىمقى تەيىنلەش قارارىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ بالدۇرراق ئاياغلىشىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . پېترىۋۇس ئىلگىرىكى باش قوماندان ماك ئالىستېرنىڭ ئورنىغا ئافغانىستاندىكى قىسىملارنىڭ باش قوماندانى بولۇپ بارىدۇ .