
خەلقئارا لىنىيەسى تورى مەخسۇس خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا تېلېگراممىسى گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، قىز-ئوغۇل نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدەك ئېغىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېڭى بىر سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويماقچى يەنى ئەگەر قايسى ئائىلىدە قىز ھامىلە چۈشۈرۈۋىتىلسە شۇ ئائىلە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا پۈتۈن ئائىلە خاراكتېرلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىدىكەن.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «ئەرلەر ئەزىز ئاياللار خار»ئىدىيەسى كۈچلۈك ھىندىستاندا، توي قىلغاندا قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە زور قىممەتتە تويلۇق بېرىدىغان بولغاچقا، قىز تۇغۇشنى قەتئىي ئۈمىد قىلمايدۇ، ھەمدە قىز بالىنى ئىقتىسادىي يۈك دەپ قارايدىكەن، مۆلچەرلىشىچە، ئۆتۈپ كەتكەن ئون يىلدىن بۇيان ھىندىستاندا تەخمىنەن سەككىز مىلىيون قىز ھامىلە چۈشۈرۋىتىلگەن، قىز بوۋاقلارنىڭ بەش ياشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئوغۇللارنىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولغان، مانا بۇ ھىندىستاندا قىز-ئوغۇل نىسبىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھىندىستاننىڭ ھازىرقى قانۇنىدا دوختۇرلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا ياردەملىشىپ ھامىلىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈپ بېرىشى ھەمدە چۈشۈرۈشى چەكلەنگەن، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار تۆۋەن بولغاندا 12فوندېستېرلىڭ، يۇقىرى بولغاندا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىدىكەن. ئۆتۈپ كەتكەن ئون يىلدا، ئاران 463ئادەم مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەرز قىلىنغان. ھىندىستان ئاياللار ھەم بالىلار تەرەققىياتى ئورگىنى مەزكۇر قانۇن نىزامنامىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، جازالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھامىلدار ئايالنىڭ ئائىلىسىگىچە كېڭەيتكەن، چۈنكى ئادەتتە ئائىلىسىدىكىلەر ئايالنى زورلاپ قىز ھامىلىنى چۈشۈرگۈزىۋىتىدىكەن.
ھىندىستان ئاياللار ھەم بالىلار تەرەققىياتى ئورگىنىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار :« ھامىلدار ئاياللار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ ھامىلىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرتىدۇ، شۇڭا ئائىلىسىدىكىلەر ھامىلىنى چۈشۈرگۈزۈشتىكى قۇتراتقۇچى، بىز ھازىرقى قانۇن نىزامنامىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى سىناپ ئۇلارغا ئادىل بولغان جازانى يۈرگۈزمەكچى، كونكىرىت جىنايى جازا تېخى بېكىتىلمىدى، لېكىن يېرىم يىلدىن يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسىغا تارتىلىش ئېھتىماللىقى بار»دېگەن.
نۆۋەتتە، ھىندىستان ئاياللار ھەم بالىلار تەرەققىياتى ئورگىنى مۇكەممەل بولغان قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن بۇ تۈرلۈك تەكلىپنى ئەدلىيە ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.