يەر شارى تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋېليامبىلەن خانىش كەيت توققۇز كۈنلۈك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان سولومىن تاقىم ئارىلىدا زىيارەتتە بولدى. شۇ يەرلىك كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى بىلەن ئىككىيلەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
زىيارەت داۋامىدا ، شاھزادە ۋېليام شۇ يەردىكى ياشلارغا 40مىنۇتلۇق نۇتۇق سۆزلىدى، كەيت خانىش بولسا شۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئايىغىنى سېلىۋېتىپ يالاڭ ئاياق ماڭدى. شۇ يەرلىكتىكى بىر ئايال كەيت خانىشقا يەنە ئەنئەنىۋى ئىسسىق بەلۋاغ گۈل چەمبىرىكى تاقاپ قويدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئۇلار سولومىن تاقىم ئارىلى مەدەنىيەت كەنتىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئېسىل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغان. ئاخىرىدا، شاھزادە ۋېليام بىلەن كەيت خانىش ھېندېرسون ئايرودرومغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئارال خەلقى ئورۇنلىغان قالتىس نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى ھەمدە خونىئارا چوڭ چېركاۋىدىكى ئىبادەتكە قاتناشتى.