[رېيتېر ئاگېنتلىقى، لوندون، 19-سېنتەبىر خەۋىرى] ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا بۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ: دۇنيادا تېز كۆپىيىۋاتقان ئاھالىگە يېتەرلىك ئاشلىق، سۇ ۋە ئېنېرگىيە تەمىنلەپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ھەم 3 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت قالمىدى، دېيىلدى.
دۇنيا ئاھالىسى 2040-يىلى ھازىرقى 7 مىلياردتىن ئېشىپ 9 مىلياردقا يېتىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا بۇرژۇئازلاردىن بولغان ئىستېمالچىلار بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا 3 مىلياردقا يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىققا بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشىدۇ.
ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىدىن بۇرۇن، دۇنيا بويىچە ئاز دېگەندە يەنە%50 يېمەكلىك، %45 ئېنېرگىيە ۋە %30 سۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا، سىجىل بولۇۋاتقان مۇھىت تەمىناتقا يېڭى چەكلىمە قويىدۇ.
بۇ دوكلاتتا: ئەگەر پۈتۈن دۇنيا بۇ مەسىلىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرمىسا، 3 مىلياردتىن كۆپ كىشى نامراتلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، دېيىلدى.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى: «يېڭى بىر خىل سىياسىي، ئىقتىساد» ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىدى ھەم 56 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىجىل تەرەققىياتنى ئىقتىسادقا دائىر سىياسەتلەرگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلدى.
تەكلىپلەردە، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى سىجىل تەرەققىياتقا دائىر بىر قاتار نىشانلارنى بېكىتىپ، ئۇنى 2015-يىلىدىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ تولۇقلىمىسى قىلىشقا ھەم 2015-يىلىدىن كېيىنكى ھەرىكەتلەرنىڭ رامكىسىنى بېكىتىشكە مۇراجىئەت قىلدى.