
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىلەن ئاۋىستىرالىيە «كۈندىلىك پوچتا تېلېگرامما گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 218كىلوگرام كېلىدىغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس جازانى كېيىنرەك ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بەك سېمىزلىكىدىن ئۆلۈمنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بەك ئازاب تارتىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.
ئامېرىكا ئوخايو ئشىتاتىدىكى 53ياشلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس رونال.پوست 1983-يىلى قاۋاقخانا مۇلازىمەتچىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھەمدە كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى جازا ئىجرا قىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
لېكىن پوست، ھەدىدىن زىيادە سېمىز بولغانلىقتىن، جازانى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىر تۈرلۈك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىقى بولغان، ھەتتا ئوكۇل ئارقىلىق جازا ئىجرا قىلىدىغان چاقلىق كارىۋاتقا سىغدۇرۇشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ جازانى كېچىكىپ ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.
پوستنىڭ ئادوۋكاتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماسنامە سۇنغان، ئىلتىماستا :« پوستنىڭ ئالاھىدە بەدەن ئەھۋالى ھەم سالامەتلىك ھالىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئۇنىڭغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېلىپ كېلىدىغان ئازابى زور، ئۆلۈش جەريانىدا بەك ئۇزۇن ئازاب تارتىپ كېتىشى مۇمكىن»دېگەن.
شۇ يەر تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنى بۇ ئىشقا قارىتا تېخى ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.