ئىتالىيىنىڭ ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.ئۇنىڭ شانلىق تارىخى ۋە پەخىرلىك نەتىجىلىرى بار،ئېسىلزادىلەرچە قائىدە يوسۇنلىرى چەكسىز سېھرى كۈچكە ئىگە.ئىتالىيىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە مۆجىزىلىرىنىڭ سانى يوق، ھەتتا كىشىگە پۈتۈن دۆلەت خۇددى ياۋروپانىڭ موزىيىدەك تەسىر بېرىدۇ. ئىتالىيەدىكى قاينام تاشقىنلىققا تولغان تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، قاتتىق ياسىنىشقان تەبرىكلىگۈچىلەر ۋىنىس كوچىسىنىڭ يېنىدىكى قەھۋەخانىدا ئارام ئالماقتا.گەرچە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ بىراق ئىتالىيە يەنىلا ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ،نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولۇپ كەلمەكتە.
پەمىدور بۇ دۆلەتكە كىرگەندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن بۇلۇپ ،ئۇنىڭدا پىشۇرۇلغان پىسالار بەكمۇ لەززەتلىك، شۇندىن بېرى ئىتالىيە پىسا شەھىرى بۇلۇپ قالغان. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان قالتىس ئىمارەتلەر ۋە دۇنياغا داڭلىق گۈزەل جايلار بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىخ ۋە گۈزەل مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.