ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
قەدىمكى قەبرىدىكى «قانخور ئالۋاستى» ھەققىدىكى سىرلارغا قىزىقامسىز - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
قەدىمكى قەبرىدىكى «قانخور ئالۋاستى» ھەققىدىكى سىرلارغا قىزىقامسىز
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  

قانخور ئالۋاستى دىگىنىمىزدە، قانخۇمار، شۇنداقلا قان شورايدىغان غەلىتە مەخلۇق، شۇنداقلا غەرب دۇنياسىدىكى داڭلىق ئالۋاستى، ئۇنىڭ ئالۋاستى ئاتىلىشى ئۇنىڭ غەلىتىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنى ئۇ ئىلاھ ئەمەس، شەيتان ئەمەس، ئادەممۇ ئەمەس.

    نۇرغۇن كىشىلەر قانخور ئالۋاستىنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۈچ يىل بۇرۇنقى رومىنىيىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىسمىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. 76 ياشلىق ئەمدىلا ۋاپات بولغان بىر بوۋاينىڭ يۈرىكى سۇغۇرۋېلىنغان. ئۇنداقتا قانخور ئالۋاستى راستلا مەۋجۇتمۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى بايانلار كۆرۈپ بېقىڭ.

    تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، قانخور ئالۋاستى مەۋجۇت ئەمەسكەن.
    ئۈچ يىل بۇرۇن رومىنىيە غەلىتە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، يەنى ئەمدىلا ۋاپات بولۇپ قەبرىگە قويۇلغان 76 ياشلىق بوۋاينىڭ يۈرىكى سۇغۇرۋېلىنغان.
    2004-يىلى 1-ئايدا رومىنىيەنىڭ چەت بىر يېزىسىدا مۇنداق بىر قورقۇنچلۇق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۇيقۇغا كەتكەندە، ئالتەيلەن قول چىرىغى، كۈرەك ۋە ئېچىتىلغان ھاراقنى ئېلىپ قەبرىستانلىققا بارغان. ئۇلار ئۆز جەمەتىدىكى يېڭىلا ۋاپات بولغان ئەزاسىنىڭ يېڭى قەبرىسى ئالدىغا يىغىلىشقان.

    نەچچە كۈنلەردىن كېيىن بۇ ساقچىلار تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، دېلو مەلۇم قىلغان بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ دادىس 12-ئايدا ۋاپات بولغانىكەن. ساقچىلار قەبرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار جەسەتنى قېزىپ چىققاندا يەنە بىر قورقۇنچلۇق ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىنى بايقىغان. جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاغزى ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، جەسەتنىڭ كۆكرەك قىسمى ئېچىلىپ، يۈرىكى سۇغۇرۋېلىنغان. بۇ بىر ھەددىدىن ئاشقان بىمەنە چاقچاقمۇ ياكى ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالانغانمىدۇ؟

    ئەمەلىيەتتە ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا كەنتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كىشى ئىدى، ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قانخور ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

    بۇ دېلو رومىنىيىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان. جەمەت ئەزالىرى تېلىۋىزوردا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا بۇ بوۋاينى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما رومىنىيە تەپتىشلىرى ئۇلارنى قەبرىنى بۇزدى، دەپ ئەيىبلىنىشى كېرەك دەپ قارىغان.
    ئەيىبكارنىڭ دېيىشىچە، بوۋاي ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى قارا باسقان شۇنداقلا ئائىلە ئەزالىرى كەينى-كەينىدىن ئاغرىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بوۋاي ئۆلگەندىن كېيىن قانخور ئالۋاستىغا ئايلىنىپ، كەچتە ئۇلارنىڭ قېنىنى شوراۋاتىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار قەبرىنى ئېچىپ، ئۆز ۋەھىمىسنىڭ راستلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئىسپاتلىغان.

    ئالتەيلەننىڭ ئىچىدە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ئاچقان كىشى سوتتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئېغىزى ئەتراپىدا قان ئىزلىرىنى كۆرگەن. ئەنئەنە بويىچە ئۇلار پەقەت بىرلا ئىش قىلىشى كېرەك، يەنى ئالتەيلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئائىلە ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ساقلاۋاتقان يول ئېغىزىغا بېرىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى سۇغا ئارلاشتۇرۇش. ئاندىن كېسەل بولغان تۇققانلار بۇ سۇنى ئىچكەندىن كېيىن قارا باسمايدىغان بولۇپ، ساقىيىپ كېتەرمىش.

    19-ئەسىردىكى يېڭى ئىنگلاندتىمۇ قانخور ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتتى دەپ قارالغان كىشىلەرگىمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەت بولغان.
    دۇنيادا راستلا روھ تىرىلىدىغان ئىش بولامدۇ؟ قانخور ئالۋاستى راستنلا بىر رىۋايەت بولسا نېمە ئۈچۈن كىشىلەر توختىماستىن ئۆلگۈچىنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋالىدۇ؟

    كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىسپات، شەرقىي ياۋروپانىڭ چەت-ياقىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىدىن تېپىلغان. دوكتور نىك بىر ئارخېئولوگ بولۇپ، 1990-يىلى ئۇ 1800-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى بىر تاشلاندۇق قەبرىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبرە ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ سۆڭەكلىرى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ قويۇلغان، كۆكرەك بوشلۇقى ئېچىلغان، بېشى كېسىۋېتىلگەن.

    دوكتور نىكنىڭ دېيىشىچە، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق بۇنى قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ قىلمىغانىكەن. جەسەت ساندۇقىداJBدېگەن قىسقارتىلما ھەرپ بار ئىكەن. ئۇ بۇ ئىش ھەقىقىي ئەپتى-بەشرىسىنى ئېنىقلاپ چىققان. يەنى بۇ ئىش كەڭ تارقالغان بىر ئادەت بولۇپ، جەسەتنىڭ ئۆيىگە قايتىشىدىن ياكى ئايلىنىپ يۈرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەسەت مۇشۇنداق پارچىلىنىدىكەن.

    بۇنداق ئىشلار ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ تىرىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ھەدەپ كۆرگەنلىرىنى ئاشۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ سۆزلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، جەسەت يەنىلا مۇكەممەل بولۇپ، توختىماستىن يېمەكلىك يەپ تۇرغاندەك قىلىدىكەن، چاچ ۋە تىرناقلىرى ئۆسىدىكەن، جەسەت ھەتتا ئاۋاز چىقىرالايدىكەن ۋە ماڭالايدىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. كۆپ يىللىق تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلغان: بۇرۇنقى دەۋرلەردە كىشىلەردە تىببىي بىلىملىرى كامچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار ناھايىتى نورمال بولغان ئۆلگەندىكى كېيىن جەسەتتە بولىدىغان پارچىلىنىشنى قانخور ئالۋاستى رىۋايىتى بىلەن بىرلەشتۈرىۋالغان.

    ئۆلگەندىن كېيىن جەسەتتە بولىدىغان تىرناق ۋە چاچنىڭ ئۆسۈشى، ئاغزىدىن قان ئېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى نورمال ئەھۋال ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مەلۇم كېسەللىكلەر مەسىلەن، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگۈچىلەردىمۇ غەلىتە ئەھۋاللار پەيدا بولىدىغان بولۇپ، قەدىمكى كىشىلەر بۇنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، قانخور ئالۋاستى دەپ قارىغانىكەن.
    يۇقىرىقىلارنى خۇلاسىلىغاندا، قانخور ئالۋاستى غەرب ئەللىرىنىڭ رىۋايەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بىر «شەخس» تىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس.
 

يېڭى خەۋەرلەر
قەدىمكى قەبرىدىكى «قانخور ئالۋاستى» ھەققىدىكى سىرلارغا قىزىقامسىز
قەدىمكى قەبرىدى...
كېلەر يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن
كېلەر يىلى ئامېر...
مىكرو فوتو تېخنىكىسى: ئىسپىرتنىڭ «DNA»سى
مىكرو فوتو تېخنى...
پۈتۈن بەدىنىگە ئىسكىلىتنىڭ شەكلىنى چېكىۋالغان بۇلاڭچى قولغا چۈشتى
پۈتۈن بەدىنىگە ئ...
قاراڭغۇ بازاردىكى قانغا بويالغان پىل چىشلىرى
قاراڭغۇ بازاردى...
ئارمىيەمىزنىڭ سۇ ئاستى كېمىسى يۇشۇرۇن ئاتار بومبا قويۇپ بەردى
ئارمىيەمىزنىڭ س...
ياپونىيە باش ۋەزىرى ياپون بايرىقىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى
ياپونىيە باش ۋەز...
خانىش كەيت يالىڭاچ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان ژۇرنال ئۈستىدىن ئەرز سۇندى
خانىش كەيت يالىڭ...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
قەدىمكى قەبرىدىكى «قانخور ئالۋاستى» ھەققىدىكى س...
كېلەر يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇ...
مىكرو فوتو تېخنىكىسى: ئىسپىرتنىڭ «DNA»سى
پۈتۈن بەدىنىگە ئىسكىلىتنىڭ شەكلىنى چېكىۋالغان ب...
قاراڭغۇ بازاردىكى قانغا بويالغان پىل چىشلىرى
ئارمىيەمىزنىڭ سۇ ئاستى كېمىسى يۇشۇرۇن ئاتار بومب...
پانېتتا جۇڭگو-ياپونىيە تالاش-تارتىشىنى ياراشتۇر...
«ئارال سېتىۋىلىش» جۇڭگو-ياپونىيە سودا ئالاقىسىغ...
ياپونىيە باش ۋەزىرى ياپون بايرىقىنىڭ كۆيدۈرۈلگە...
خانىش كەيت يالىڭاچ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان ژۇر...
جۇڭگونىڭ مىڭدەك بېلىقچى كېمىسى دىياۋيۈ ئارىلىغا ...
بىلگىيەدە «ماشىنىسىز كۈن» بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگلىيە شاھزادىسى ئايالى بىلەن مالايسىياغا زىي...
ئىچكىرىدىكى «دىياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش» نام...
مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش نامايىشى ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526