ئامېرىكا «دۆلەتلىك جۇغراپىيە ژۇرنىلى»خەۋىرى، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان پىل قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ، كېسىۋالغان پىل چىشى بىلەن دىنىي بويۇملار ھەم باشقا سەنئەت-بويۇملىرى ياسىلىدۇ. كېنىيەدىكى بىر قارا بازاردا، بىر دانە پىل چىشىنىڭ باھاسى 6000دوللارغا بارىدۇ، بۇ شۇ يەردىكى غەيرىي تېخنىكنىڭ 10يىللىق تۇرمۇش راسخوتىغا باراۋەر.

كېنىيە ساۋودىكى ئۈچ پىل، قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە پىل ئۆلتۈرۈشى بىلەن بۇ يەردە پىلنىڭ سانى بارغانسىرى ئازلاپ كەتكەن.

فىلىپپىندىكى بىر يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ ئۆيى، ساقلىغان نەسىلىرى ھەممىسى دىنىي ھەيكەلنى ئاساس قىلىدۇ.

كامىرۇن بوۋبا نىدجىداھ دۆلەتلىك باغچىدىكى پىل جەسىتى. بۇ قېتىملىق قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ ئوۋلىغان پىل سانى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى كامۇرۇندا يۈز بەرگەن ئەڭ زور پىل قىرغىنچىلىقىغا كىرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار قول بومبىسى بىلەن AK-47ئېلىپ باغچىغا يوشۇرۇنچە كىرىپ، 300دىن ئارتۇق پىلنى قىرىۋەتكەن.

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پىل چىشى ئويمىچىلىكى سەنئەت-بويۇم زاۋۇتى، بىر ئىشچى پىل چىشىدىن ياسالغان سەنئەت-بويۇمىنى سىلىقلىتىۋاتىدۇ. 2008-يىلى، جۇڭگو ئافرىقىدىن قانۇنلۇق ھالدا 73 توننا پىل چىشى سېتىۋالغان. بۇنىڭدىن كېيىن، قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ پىل ئوۋلاش ھەم ئەتكەسچىلىكى بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن.

كېنىيە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگىنى بىر تۈركۈم ئەتكەس مالنى قولغا چۈشۈرگەن. بىر قىسىم پىل چىشلىرى بەكلا كىچىك بولۇپ، بۇ رەھىمسىز قانۇنسىز ئوۋچىلار ھەتتا پىل بالىلىرىنىمۇ بوش قويمىغان.

تايلاندتىكى كۇلۇبا ئىسىملىك بىر راھىپ ئىبادەتخانىدا ئاسىيا پىلىنى باققان، ھايۋاناتلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئەزالىرى ئۇنى پىلنى قەستەن ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن چىشىدا تۇمار ياسىغان دەپ ئەيىبلىگەن، لېكىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلغان.

كېنىيەدىكى ئەنبوسال دۆلەتلىك باغچا، پىل چىشىنىڭ قاراڭغۇ بازارغا ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئورمان قوغداش خادىملىرى پالتىدا پىل چىشىنى كېسىۋالغان، بۇ پىل قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ قولىدا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . 2012-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كېنىيەدىكى ئالتە نەپەر ئورمان قوغداش خادىمى پىلنى قوغداش جەريانىدا قۇربان بولغان، بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قانۇنسىز ئوۋچىلارمۇ ئۇنداق بەك تەلەيلىك ئەمەس، جەمئىي 23نەپەر قانۇنسىز ئوۋچى ئورمان قوغداش خادىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

2011-يىلى، كېنىيەدىكى ئەتكەس پىل چىشلىرى كۆيدۈرگەن نەق مەيدان، بىر نەپەر جۇڭگولۇق مۇخبىر خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. بۇ قېتىملىق سېتىلغان پىل چىشى 5.5توننىغا يەتكەن بولۇپ، 1989-يىلى بىر تۈرلۈك دۇنيا خاراكتېرلىك پىل چىشى سودىسىنى چەكلەش بۇيرۇقى كېنىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئامباردا ساقلانغان پىل چىشىنىڭ سانىمۇ كۆپىيشكە باشلىغان. بۇ قېىتملىق كۆيدۈرۈلگەن پىل چىشى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن پىل چىشىكەن.

پىل چىشىدا ياسالغان ھەيكەل، بىر قانچە يىلدا ياساپ پۈتتۈرگەن.

تايلاند سۇرىندىكى پىل قەبرىستانلىقى، بۇ يەردىكى پىللارنى شەخسىي پىل باققۇچىلار كۆمگەن، تايلاندنىڭ قانۇنىدا ئائىلىدە ئاسىيا پىلى بېقىپ، پىل چىشىنى دۆلەت ئىچىدە سېتىشقا يول قويۇلىدۇ، بۇ ئەتكەسچىلەرگە توپۇلاڭدا توغاچ ئوغرلايدىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن.

پىل چىشىدا ياسالغان سەنئەت بويۇملىرى

رەسىمدىكى ئىلاھە ھەيكىلى پىل چىشىدىن ياسالغان.

كېننيەدىكى پىل توپى، ئۇلار لايدا يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا بەدىنى قىزىل رەڭدە بولۇپ قالغان، قۇرامىغا يەتكەن پىللار قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، پىل بالىلىرى يېتىم قالغان.