ۋاڭيى تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگونىڭ بېجىڭ، شاڭخەي شىئەن، چاڭشا، خاربېن، گۇاڭجۇ، چىڭدۇ، شىنجىن قاتارلىق جايلىرىدا قەدىمدىن تارتىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ياپونىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز تارتىۋالغانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بەزىلىرى رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، رەسىم ئاستىغا «ماۋجۇشى، سىزنى سىغىندۇق» دەپ يېزىۋالغان يەنە بەزىلىرى بىر پارچە قەغەزگە «ياپۇنچاق، سېنى يېقىتىمىز» دەپ يېزىۋالغان . بۇنىڭدىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيەنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قانچىلىك غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس، بىز يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ يول بىلەن دېياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۆۋەندىكىلىرى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى: