ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا ئوت ياقىدۇ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا ئوت ياقىدۇ
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  



[فارس ئاخبارات ئاگېنتلىقى تېھران 12-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمان پاراسەت ئاگاھلاندۇرۇپ مونداق دېدى:ئامېرىكا پات ئارىدا پارس قولتۇقىدا باشلامچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىر رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، تېھرانمۇ بۇ ھەربىي مانېۋىرغا ناھايتتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.

مېھمان پاراسەت بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر بىر «ئىنتايىن سەزگۈر ھادىسە»، بولۇپمۇ ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىسىدىكى جىددى موناسىۋەتنى نەزەردە تۇتقان دېدى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ مەزمونى مىنا تازىلاش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئىراننىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا قايتۇرغان بىۋاستە جاۋابتۇر، شۇ ۋاقىتتا ئىران غەربنىڭ قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن، ھورمۇس بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى جار سالغانىدى.
[ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنېتلىقى دۇبەي 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى]ئامېرىكا ۋە باشقا 20نەچچە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تارىختىن بويانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە، مانېۋىرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۇ مىناسىنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىران بۇنىڭغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېلەركى ھەپتە باشلىنىدىغان مانېۋىر پارس ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ئەڭ يېڭى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى سۇ مىناسىغا قارشى مانېۋىرنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى، ھەم شۇنداقلا ئىراننىڭ ھورمۇس بوغۇزىنى قامال قىلىشىغا قايتۇرغان جاۋاب ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئەمما مانېۋىر بەلكىم دۇنيا مىقياسىدا تېھرانغا قارىتىلغان خىرىس دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئىران نۇرغۇنلىغان سۇ مىناسىغا ئىگە بولۇپ، سۇ ترانسىپورتىنى قالايمىغان قىلىپ، نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەر قانداق بىر ئوران قويۇلدۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
 ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە 5-فلوتىنىڭ باياناتچىسى گرىگ رېلسون «بۇ بۇ رايون ئىتتىپاقداش مۇداپىئە قىسمى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىنىڭ بىرسى»دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«خەلقئارا سۇ يۇلىنىڭ يول يۈرۈش ئەركىنلىكى خەلقئارا جەمئىيەت ھەمدە ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم».
[ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېرۇسالىم 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى]ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ موناسىۋىتى جىددى بولۇشىدىن قەتئينەزەر، ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىتانىياخۇ ۋاشىنگتوننىڭ قانداش شەرت ئاستىدا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما بۇ تەلەپ ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ياساشقا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى.
نىتانىياخۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنى «قىزىل سىزىق»بەلگىلەشكە مۇراجىئەت قىلىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
[رېيتىر ئاگېنتلىقى نىيۇيورك 12-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادى جازاسى بۇ دۆلەتنىڭ خام نېفىت ئىكىسپورت كىرىمىنى ئازايتىۋەتتى دېدى.
يىل بېشىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرى ئىراندىن سېتىۋالىدىغان خام نېفىت مىقدارىنى كەڭ كۆلەمدە ئايتمىسا، بەزى چەتئەل مەبلىغىدىكى ئورگانلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى:ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۈنۈم بەردى، ئىراننىڭ خام نېفىت ئىكىسپورتى بۇلتۇرقى ھەر كۈندىكى 2مىليون 400مىڭ باكتىن بۈگۈنكى بىر مىليون باكقا چۈشۈپ قالدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى داۋىد كون مۇنداق دېدى:خام نېفىت ئىكىسپورتىنىڭ ئازىيىشى ئىراننىڭ ئايلىق كىرىمىنى 5مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا كېمەيتىۋىتىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنى كىرىم ئازايغانلىق تۈپەيلىدىن خامچوتنى ئازايتىشقا مەجبور قىلدى.
كون مۇنداق دېدى:«جازالاش ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىران بانكىلىرىنىڭ خەلىقئارا بازاردىكى كېيىنكى يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى».
 [ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] بىر تۈرلۈك ئىرانغا زەربە بېرىشتە تۆلەيدىغان بەدەل ۋە ئېرىشىدىغان مەنپەئەت توغرىسىدىكى باھالاش دوكلاتتا دېيىلىشچە، ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي زەربە بەرسە ئېھتىمال بۇ ھاكىميەتنىڭ سىياسى كونتروللۇقى تەۋرىنىشى ھەمدە قايتۇرما ھۇجۇم بېرىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشى مۇمكىن، ئەمما ئىرانلىقلار بەلكىم يەنىلا بىر ئامال قىلىپ قىساس ئېلىشى مۇمكىن، مەيلى بىۋاستە قىساس ئېلىش ياكى ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق قىساس ئېلىش ئوسۇلى بولسۇن، مۇشۇنداق بولسا ئوتتۇرا شەرقتە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن.
بۇ باھا دوكلاتىدا دېيىلىشچە، ئامېرىكا زەربە بەرسە ئېھتىمال ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم يادرو ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋىتىشى ھەمدە ھەربىي كۈچىنى ئېغىر مەغلوبىيەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەتلا ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قەدىمىنى ئاستىلىتالايدۇ ئەمما چەكلىيەلمەيدۇ خالاس.
ئامېرىكا دۆلەت تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى بولۇپ، خىزمەتتىن چېكىنگەن گېنېرال فرانىك كانى بۇ دوكلاتتىكى قاراشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  بۇ  دوكلاتنى سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇتەخەسىسلىرى ۋە خىزمەتتىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار يازغان بولۇپ، بۇ يىل ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ دوكلاتتا دېيىلىشچە، ناۋادا ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ۋاقتىنچە چەكلەش مۇمكىن بولمىسا، ئونداقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىتورىيەنى ئىشغال قىلىشمۇ بار، بۇ ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇشتىنمۇ قىيىن
 

يېڭى خەۋەرلەر
ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا ئوت ياقىدۇ
ئىرانغا قورال كۈ...
ياۋروپالىقلار ئوبامانىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشىنى قوللايدىكەن
ياۋروپالىقلار ئ...
ئاي شارىغا تۇنجى چىققان ئامىستېردام دېڭىزغا دەپنە قىلىندى
ئاي شارىغا تۇنجى...
ھىندونېزىيەدىكى كېمە چۆكۈپ كېتىشتە يەتتە ئادەم قازا قىلدى
ھىندونېزىيەدىكى...
بالوندىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ غەلىتە مەخلۇقلار
بالوندىن پايدىل...
نيويورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشى
نيويورك مودا كىي...
ئانجىلىنا جۇلى بېيرۇتتا مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى
ئانجىلىنا جۇلى ب...
ياش چولپان ۋېكتورىيە جاستى ئۆزگىچە مۇقاۋا سۈرەتكە چۈشتى
ياش چولپان ۋېكتو...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغ...
تۈركىيە ئارمىيسى بىلەن كوردلار ئىتىشىپ 20 ئادەم ئ...
ياۋروپالىقلار ئوبامانىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشىنى قو...
ئاي شارىغا تۇنجى چىققان ئامىستېردام دېڭىزغا دەپن...
ھىندونېزىيەدىكى كېمە چۆكۈپ كېتىشتە يەتتە ئادەم ق...
لىۋىيە خەلقى ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئامېرىكا باش ئە...
يەمەندە ئىش چىققاندىن كېيىن ئوباما شۇھامان يەمەن...
ياپۇنىيەنىڭ ئارال سېتىۋېلىشى - خەتەرگە تەۋەككۈل ...
نامايىشچىلار بېيجىڭدىكى ياپونچە تاماقخانىلارغا ...
كەلكۈن ۋە تەيفىڭ بورىنى چاۋشىيەندە 300 ئادەمنىڭ ئۆ...
تۈركىيەدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرى لاگىرىغا نەزەر
ياۋرۇپا زاۋۇتلىرى نامراتلارنى تىرىك «تەجرىبە » ق...
ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان رېژىسسورنىڭ ئۆيى قورشاۋ...
ياپونىيە جۇڭگو پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئا...
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526