AD-242-60
كورىيەلىك سەنئەتكار يوڭ خو جى كېرەكسىز بالونلاردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل غەلىتە مەخلۇقلارنى ياساپ چىقىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ بالوننى ئىنچىكە، توم كىسىپ ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە يەملەش ئارقىلىق مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قارا رەڭلىق مەخلۇقلارنى ياساپ چىققان. بەزى ھەيكەللەرنىڭ ئىگىزلىكى 1.5 مىتىرغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ئەسەرلىرى ئىچىدە مۈڭگۈزى ئالاھىدە يوغان سۇ كالىسى،تۇرقىدىن رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرىدىغان يىرتقۇچ شىر،رىم ھىكايىلىرىدە چىقىدىغان ئادەم تەنلىك كالا باشلىق غەلىتە مەخلۇق قاتارلىقلار بار.