AD-242-60
سەنئەتكار راي مېسسى ئىككى قولىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ماھارىتى بىلەن بىر بىرىدىن قىزىقارلىق مانا بۇ ئەسەرلەرنى ياراتتى.ئۇ بۇ ئارقىلىق ئىجادى تەپەككۇرنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بىزگە ھېس قىلدۇردى.كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئەسەرلەر شۇنچىلىك ھەقىقىي، نۇر سايىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا قولنىڭ ھەرخىل شەكىللىرى چىقىرىلغان،پۈتۈن ھالەت ئىنتايىن جانلىق ھەرىكەتچان تۈسكە ئىگە.گەرچە ھەربىر رەسىم ئىنتايىن قىزىقارلىق بولسىمۇ لېكىن بىز ئاشۇ قولغا سىزىپ چىقىرىلغان قورغاننى ماختىماي تۇرالمايمىز.رەسسام قولدىكى ئاشۇ ئەگرى توقاي بوغۇملاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ،ئۇنى بوياش ئارقىلىق قورغان تېمىنى چىقىرىپلا قالماي،يەنە قولدىكى تۈكلەرنى يېشىل رەڭلىك چىملىقتەك بوياپ چىققان،سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بۇلۇق ئۆسكەن ياپيېشىل چىملىقتەك تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز تامىقىڭىزنى چاكىلدىتىپ قالىسىز.