ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ياپۇنىيەنىڭ ئارال سېتىۋېلىشى - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ياپۇنىيەنىڭ ئارال سېتىۋېلىشى - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  



شىنخۇا تورى بېيجىڭ تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 10-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، دياۋيۈ ئارىلىنى «دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش» فاڭجېنىنى بېكىتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا يولدا داۋاملىق مېڭىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلىمىزنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى ۋە رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندا ئېچىلغان APEC يىغىنىدىكى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماستىن، «ئارال سېتىۋېلىش» ئويۇنىنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا، مىللىي ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئەڭ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى.
نودا يوشىخىكو ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلىنى «دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىشى» دىكى باھانىسى   «داۋاملىق مۇقىم، تىنچ باشقۇرۇش» ئۈچۈن دېدى. كىم باشقۇرىدۇ؟ نېمىنى باشقۇرىدۇ؟ ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى نېمىگە ئاساسەن «باشقۇرىدۇ»؟ بۇنى قانداقسىگە «مۇقىم، تىنچ باشقۇرۇش» دېگىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش»نى باھانە قىلىپ، دياۋيۈ ئارىلىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇلار 40 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندا ھاسىل قىلغان «ئىختىلاپنى بېسىپ قويۇش» ئورتاق قارىشىدىن ئۆز ئالدىغا ۋاز كەچتى.
نودا يوشىخىكو ھۆكۈمىتى يەنە توكيو يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ «ئارال سېتىۋېلىشى»نى توسۇيالمايمىز، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «ئارال سېتىۋېلىشى» يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئارال سېتىۋېلىشى»دىن ياخشى، شۇڭا «دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش» فاڭجېنىنى بېكىتتۇق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنى چۈشەنسە، دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتىسى باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تەرەققىي قىلغان زامانىۋى دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى يەرلىك ئەمەلدارلارنى باشقۇرالمايدۇ، يەرلىك سىياسەتۋاز دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتىنى خالىغانچە ئىدارە قىلالايدۇ، دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى شىنتارو ئىشخارا بۇ يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا دياۋيۈ ئارىلىنى «سېتىۋالىمەن»، دەپ تۇنجى قېتىم جار سالغان ئىدى.ياپونىيە-ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، توكيو يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، «ئارال سېتىۋېلىش» ئويۇنى ئوينىدى. شىنتارو ئىشخارا قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ئوڭچى سىياسەتۋازلار ياپونىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئارال سېتىۋېلىش» ئويۇنىنى باشلىغۇچىلاردىن بولدى.
جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشى نوقۇل زېمىن تەۋەلىكى مەسىلىسى ئەمەس. ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلىنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ جياۋۇ دېڭىز ئۇرۇشى قوزغىغاندا زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغاندا قورال كۈچى ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىگىلىۋالغان.ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
 

يېڭى خەۋەرلەر
ياپۇنىيەنىڭ ئارال سېتىۋېلىشى - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق
ياپۇنىيەنىڭ ئار...
نامايىشچىلار بېيجىڭدىكى ياپونچە تاماقخانىلارغا بۆسۈپ كىردى
نامايىشچىلار بې...
كەلكۈن ۋە تەيفىڭ بورىنى چاۋشىيەندە 300 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
كەلكۈن ۋە تەيفىڭ...
تۈركىيەدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرى لاگىرىغا نەزەر
تۈركىيەدىكى سۈر...
ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان رېژىسسورنىڭ ئۆيى قورشاۋدا قالدى
ئىسلامغا ھاقارە...
ياپونىيە جۇڭگو پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئايروپىلان ئەۋەتتى
ياپونىيە جۇڭگو پ...
تايلاندتا پىل ئات توپى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى
تايلاندتا پىل ئا...
تۇنىس نامايىشچىلىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش كۆتۈردى
تۇنىس نامايىشچى...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ياپۇنىيەنىڭ ئارال سېتىۋېلىشى - خەتەرگە تەۋەككۈل ...
نامايىشچىلار بېيجىڭدىكى ياپونچە تاماقخانىلارغا ...
كەلكۈن ۋە تەيفىڭ بورىنى چاۋشىيەندە 300 ئادەمنىڭ ئۆ...
تۈركىيەدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرى لاگىرىغا نەزەر
ياۋرۇپا زاۋۇتلىرى نامراتلارنى تىرىك «تەجرىبە » ق...
ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان رېژىسسورنىڭ ئۆيى قورشاۋ...
ياپونىيە جۇڭگو پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئا...
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان...
تايلاندتا پىل ئات توپى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ...
تۇنىس نامايىشچىلىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىد...
بىن لادېننى ئۆلتۈرۈشنى ئوباما ئۆزى يالغۇز قارار ...
ھىندىستانلىق بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى دۇنيا بوي...
يەمەن قازا قىلغان ئەسكەرلەرگە دەپنە مۇراسىمى ئۆت...
مېكسىكا ساقچىلىرى AK47 مىلتىقىنى قولغا چۈشۈردى
مېكسىكىدا 26 ئېشەك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا سەپل...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526