جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى: چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ۋە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن چاۋشيەندە 300 دىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان ، 600 دىن كۆپ ئادەم يارىلانغان ياكى يوقاپ كەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە غايەت زور مال-مۈلۈك زىيىنى بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، چاۋشيەندە جەمئىي 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي بۇزۇلغان ، 300 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان ، نۇرغۇن ئېتىزلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن ، نەچچە مىڭ كورپۇس مائارىپ ، سەھىيە ۋە باشقا ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار ۋەيران بولغان. بۇلاردىن باشقا، نەچچە يۈز كىلومېتىر دائىرىدىكى توك يولى ۋە كابىل ۋەيران بولغان ، 50 تىن كۆپ كۆمۈر كاننىڭ كان قۇدۇقىغا سۇ كىرىپ كەتكەن ياكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، 180 دىن كۆپ كۆمۈر قېزىش مەيدانىنى سۇ بېسىپ كەتكەن . 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر دائىرىدىكى رېلىس بۇزۇلغان ، 300 دىن كۆپ جايدىكى رېلىسنى لاتقا-شېغىل بېسىپ كەتكەن ، نەچچە ئون تۇنېل ۋە كۆۋرۈك بۇزۇلغان.