ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان فىلىمگە قارشى نامايىش ئەۋج ئالدى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان فىلىمگە قارشى نامايىش ئەۋج ئالدى
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  

 


 





 

       ئامېرىكىلىق رېژىسور ئىشلىگەن ئسلام دىنىنى ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەر مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەننى ھاقارەتلەيدىغان فىلىمغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەركىتى 14-سىنتەبىر ۋە 15-سىنتەبىر بىر قىسىم دۆلەتلەردە يامىراپ كەتتى. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئادەملەرنىڭ ئۈلۈش ۋە يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئېتىراز بىلدۈرۈش جەريانىدىكى زورۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىدى.
       پايتەخىت قاھىرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتىراپىنى قورشىۋالغان نامايىشچىلار 14-سىنتەبىر كىچىدە شۇ جايدىكى ساقچىلار بىلەن يەنە بىر قېتىم تۇقۇنۇشۇپ قالغان. ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تاشلارنى ئېتىشقان، نامايىشچىلار يەنە رىزىنكە ئوق ئېتىپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار بولسا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن. مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 15-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 14-سىنتەبىر كىچىدىكى تۇقۇنۇشتا بىر نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان، 27 نەپەر ئادەم يارلانغان. بىر قىسىم نامايىشچىلار يەنە ئامېرىكنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى مىسىرىدىن قوغلاپ چىقارمىغۇچە ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
      ئوتتۇرا شەرىق ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ساقچى تەرەپ 15-سىنتەبىر  ئەتىگەندە نامايىشچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ مىسىرىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتىراپىنى سىمونىت تاملار بىلەن قورشىغان.  ھەمدە ئەلچىخانىنىڭ ئەتىراپىدىكى رايونلاردا ۋە شەھەر مەركىزىدىكى ئازاتلىق مەيدانىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ 220  نامايىشچىنى قولغا ئالغان. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتىراپىدا تۆت كۈن داۋاملاشقان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەركىتى جەريانىدا ساقچىلار جەمئىي 362 نەپەر نامايىشچىنى قولغا ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 55 نەپىرى قامالغان.
      بېنگالدا بولسا  «ئىسلام ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت ئىسلام تەشكىلاتى 14-سىنتەبىر پايتەخىت  داكادا نامايىش ئۆتكۈزدى. نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمان ئامما بۇ نامايىشقا قاتناشتى. نامايىشچىلار يۇقىرى ئاۋازدا «ئامېرىكىغا قارشى تۇرايلى، ئىسرائىلىيىگە قارشى تۇرايلى» دىگەن شۇئارلارنى توۋلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈشتى. بىنگالنىڭ شۇ يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېنگالدىكى يەنە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردىمۇ ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى قوزغالغان.
    14-سىنتەبىر لىۋىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بەنجاشتا، نەچچە ئون ئىسلام  كۈچلىرى بەنجاش شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى تىبىسىت مېھمانسارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «ئەلقائىدە تەشكىلاتى»نىڭ قارا رەڭلىك بايرىقىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ئامېرىكا قارشى نامايىشقا قاتناشتى. نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقارسا بەزىلىرى «بەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەت قىلىشقا ھەرگىز يوق قويمايمىز» دەپ توۋلاشتى.
       11-سىنتەبىر كەچتە، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دىننى ۋە مۇھەممەت ئەلەھەيسالامنى ھاقارەت قىلىدىغان كىنوسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، لىۋىيىدىكى نەچچە يۈزلىگەن قۇراللىق ئادەم ئامېرىكنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق ئۈچ نەپەر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى ئۆلتۈردى.
       لىۋىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ماگۇلىيا 14-سىنتەبىر ھۇجۇمغا ئۇچىرىغان ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھال سوراپ باردى ۋە لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن گۈلچەمبىرەك سوۋغا قىلدى. ئۇ يەنە شۇ يەرلىك تارماقلارنىڭ تۆت نەپەر قۇراللىق ئۇنسۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە 14-سېنتەبىر سۇداندىكى نامايىشچىلار كاتۇمدا گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروسۇ 14-سېنتەبىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بارۇسۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:« بىز بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇ قىلمىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ قىلمىش مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ قائىدىسىگە زىت. بىز بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى ھۆرمەت قىلىمىز. بىز بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان فىلىمگە قارشى نامايىش ئەۋج ئالدى
ئىسلامنى ھاقارە...
ب د ت دىپلوماتىيە ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ب د ت دىپلوماتىي...
دۇنيادىكى ئەڭ كۆرۈمسىز ئايال، ئېغىرىقى ئاران 26 كىلوگرام
دۇنيادىكى ئەڭ كۆ...
ئامېرىكىنىڭ لەنەتكە قالغان كىنوسى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى
ئامېرىكىنىڭ لەن...
ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا ئوت ياقىدۇ
ئىرانغا قورال كۈ...
ياۋروپالىقلار ئوبامانىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشىنى قوللايدىكەن
ياۋروپالىقلار ئ...
ئاي شارىغا تۇنجى چىققان ئامىستېردام دېڭىزغا دەپنە قىلىندى
ئاي شارىغا تۇنجى...
ھىندونېزىيەدىكى كېمە چۆكۈپ كېتىشتە يەتتە ئادەم قازا قىلدى
ھىندونېزىيەدىكى...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان فىلىمگە قارشى نامايىش ...
ب د ت دىپلوماتىيە ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەس...
سۈرىيە كىرزىسى خاس ئەلچىسى كىرسىز ئېغىرلاشماقتا ...
دۇنيادىكى ئەڭ كۆرۈمسىز ئايال، ئېغىرىقى ئاران 26 ك...
ئامېرىكىنىڭ لەنەتكە قالغان كىنوسى قاتتىق نارازى...
ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغ...
تۈركىيە ئارمىيسى بىلەن كوردلار ئىتىشىپ 20 ئادەم ئ...
ياۋروپالىقلار ئوبامانىڭ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشىنى قو...
ئاي شارىغا تۇنجى چىققان ئامىستېردام دېڭىزغا دەپن...
ھىندونېزىيەدىكى كېمە چۆكۈپ كېتىشتە يەتتە ئادەم ق...
لىۋىيە خەلقى ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئامېرىكا باش ئە...
يەمەندە ئىش چىققاندىن كېيىن ئوباما شۇھامان يەمەن...
ياپۇنىيەنىڭ ئارال سېتىۋېلىشى - خەتەرگە تەۋەككۈل ...
نامايىشچىلار بېيجىڭدىكى ياپونچە تاماقخانىلارغا ...
كەلكۈن ۋە تەيفىڭ بورىنى چاۋشىيەندە 300 ئادەمنىڭ ئۆ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526