
9- ئاينىڭ 16- كۈنى، نۇرغۇن بېلىقچىلار كېمىسى سەپ تۈزۈپ مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ مەركىزىي بېلىقچىلىق پورتىنىڭ بىرسى بولغان شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدىن دېڭىزغا چىقتى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دە، ئۈچ ئاي داۋاملاشقان شەرقىي دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلى ئاياغلىشىپ، جېجياڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن مىڭدىن ئارتۇق بېلىقچىلار كېمىسى دېڭىزغا چىقتى. 15- نۆۋەتلىك جۇڭگو بېلىق تۇتۇشنى باشلاش بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە كېمە ھەيدەش مۇراسىمى مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ مەركىزىي بېلىقچىلىق پورتىنىڭ بىرسى بولغان شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى، 2000 غا يېقىن چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە پولاتتىن ياسالغان بېلىقچىلار كېمىسى شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدا يولغا چىقىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.

9- ئاينىڭ 16- كۈنى، جۇڭگو بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتىنىڭ بىر كېمىسىنىڭ يول باشلىشى بىلەن، نۇرغۇن بېلىقچىلار كېمىسى سەپ تۈزۈپ شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدىن دېڭىزغا چىقتى. ئىگىلىنىشچە، ھەر يىلى جېجياڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن مىڭدىن ئارتۇق بېلىقچىلار كېمىسى دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتىدىكەن. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكىلەر: دېڭىزغا چىققان بارلىق بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە قانۇن ئىجراسىنى باشقۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويدۇق، دېدى.


9- ئاينىڭ 16- كۈنى، 1000 غا يېقىن بېلىقچىلار كېمىسى شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېمە ھەيدەش مۇراسىمىدىن كېيىن دېڭىزغا چىقتى.

9- ئاينىڭ 16- كۈنى، نۇرغۇن بېلىقچىلار كېمىسى شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدىن يولغا چىقىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.

9- ئاينىڭ 16- كۈنى، شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدىكى بېلىقچىلار تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كېمىگە قاچىلاپ، دېڭىزغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

9- ئاينىڭ 16- كۈنى، شياڭشەن شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېمە ھەيدەش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، دېڭىز نازارەتچىلىك ئەترىتىنىڭ بىر كېمىسى پرىستاندىن ئايرىلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييارلانماقتا.


9- ئاينىڭ 16- كۈنى، تەيجۇنىڭ ۋېنلىڭ دېگەن يېرىدىكى دىياۋباڭ پورتىدا، كىچىك قولۋاقلار بېلىقچى ۋە لازىمەتلىكلەرنى بېلىقچىلار كېمىسىگە توشۇماقتا.