
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 16- سېنتەبردىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى يوشىخىكو نودا 16- سېنتەبر چۈشتىن كېيىن ھۆكۈمەت قەسىرىدە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنى چاقىرتىپ، جۇڭگودىكى دىياۋيۈ ئارىلىنى «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش» كە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياپونغا قارشى نامايىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئۇچۇر توپلاش ۋە دۆلەت پۇقرالىرىنىقوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
يوشىخىكو نودا ئىلگىرى فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشقاندا، ياپونغا قارشى نامايىش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو تەرەپ چوقۇم قاتتىق نازارەت قىلىپ، جۇڭگودىكى ياپونلۇقلار ۋە ياپون كارخانىلىرىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى ياپونىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىغا دەسسەش ۋە كۆيدۈرۈشتەك بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى يۈز بەردى، بىز بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز.
يوشىخىكو نودا يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىيەتتىن چىقىش قىلىپ، داۋاملىق قەتئىي تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تەمكىنلىكنى يۇقىتىپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزمۇ جۇڭگو تەرەپتىن بۇ نۇقتىغا يېتىشنى تەلەپ قىلىمىز.

يەنە بىر جەھەتتىن، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا نوبۇتېرو NHKتېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ «نامايىش قىلغۇچىلارنى ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك گۇناھسىز› دەپ سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىشتىن دېگەندىن ئىبارەت نەزەرىيەسى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: «سوۋۇتۇش تەدبىرى قوللىنىپ»، دېپلوماتىيە يولى قاتارلىق بارلىق يوللار ئارقىلىق، ئەھۋالنى پەسىيىشكە يۈزلەندۈرۈشنى كۆزلەش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، سابىق سىياسەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىشىبا شىگېرۇ، سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماچىمۇرا نوبۇتاكا ۋە سىياسەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خاياشى يوشىماسا قاتارلىقلارمۇ فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بىردەك ھالدا: «دىياۋيۈ ئارىلىغا بولغان ئەمەلىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىش كېرەك.» دەپ تەكىتلىدى. ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، سابىق سىياسەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىشىبا شىگېرۇ، سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماچىمۇرا نوبۇتاكا ۋە ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئىشىخارا نوبۇتېرولار: ئارالدا پىرىستان ۋە ماياك قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ياساش كېرەك، دېدى. شىنزو ئابې يەنە ئارالغا دائىمىي مەمۇرىي خادىم ئەۋەتىشنى تىلغا ئالدى. ئىشىبا شىگېرۇ بولسا: «دېڭىز تەۋەلىكى تاجاۋۇزغا ئۇچراشقا ئالاقىدار قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېڭىزدا قوغدىنىش نازارىتىنىڭ چارلاش كېمىلىرىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.» دېدى.