



ئەنگىلىيە پوچتا گىزىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋىرى، پۈتۈن بەدىنىگە ئىسكىلىتنىڭ شەكلىنى چېكىۋالغان بىر نەپەر ئەر ئامېرىكا لاس ۋىگاس ئەنچورىس سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى.ئۇ نۇرغۇن قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋە ماشىنا ئوغۇرلاش ئەنزىلىرىگە چىتىشلىق ئىدى. ھەم زەھەر ساقلىغان ،ئۇنىڭدىن باشقا سوت ئۇنى ساقچىلار بىلەن قوراللىق تۇقۇنۇشقان دەپ ئەيىبلىدى.
يىقىندا مېرلى رامىسفېرد مىھمانخانىسىدا ساقچىلار بىلەن قوراللىق تۇقۇنۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي لاس ۋىگاس ئەنچورىس سوت مەھكىمىسى گۇمانلىق كىشى جېسۇن بېرنۇم ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.ئۇنى بىرىنجى دەرىجىلىق قاتىللىق جىنايىتى ۋە ئۈچىنجى دەرىجىلىك قوراللىق تۇقۇنۇش ئېىلپ بېرىش ھەركىتى بىلەن ئەيىبلىدى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ يەنە شەھەر رايونىدا يۈز بەرگەن باشقا يەتتە قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.«ئالاسكا سىگنالى»ناملىق خەۋەرلەر تورىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن،بىر قانچە ساقچىلار بىر دانە ئاللىقاچان ئوغۇرلانغان گۇمانلىق ماشىنىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قۇيۇلغانلىقىنى بايقىغانىدى.ئۇلار بېرىپ ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئەردىن سۇئال سورىغاندا،ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى زەھەر خۇمارى تۇتۇپ ساقچىلارغا ئوق چىقارغان.شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇ قارا نىيەت ئاخىرى بوي سۇندۇرۇلغان.تۇقۇنۇش جەريانىدا بىر نەپەر ساقچى يىنىك يارلانغان، باشقا چوڭ زىيان بولمىغان.تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۇ يىقىندا ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىملىق بۇلاڭچىلىققا قاتناشقانلىقى ۋە زەھەر ساقلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن جېسون بېرنۇمنىڭ يۈزى ۋە بۇرۇنلىرىغا ئىسكىلىتنىڭ شەكلى چېكىلگەن ، ئوڭ كۆزىنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي قارا رەڭلىك بۇلۇپ ئىنتايىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى.