
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17- سېنتەبر تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مارتىن ئىندىكنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر يىلى (2013- يىلى) ئۇرۇشقا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئىندىك 16- سېنتەبر «ئومۇم خەلققە يۈزلىنىش» ناملىق پروگراممىدا ئامېرىكىنىڭ 2013- يىلى ئىران بىلەن ھەربىي جەھەتتىن توقۇنۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىندىك مۇنداق دېدى: ھازىر تېخى قورال ئىشلىتىشنىڭ پەيتى كەلمىدى، ئىراندا ھازىر تېخى يادرو قورالى يوق. گەرچە يەنە ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىت ئاز قالمىدى.
ئىندىك ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئوتتۇرىسىدىكى ئىران يادرو مەسىلىسى ئۈستىدىكى تالاش- تارتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئوباما ئىراننىڭ يادرو قورالى ياسىشىغا يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولغاچقا، نىتانياخۇ بىلەن ئوباما ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئىختىلاپ بار دەپ قارىمايمەن.
ئىندىك نىتانياخۇنىڭ ئامېرىدىن ئىرانغا «قىزىل سىزىق» سىزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: بۇ مۇۋاپىق تەلەپ ئەمەس. قىزىل سىزىق سىزىش ئەمەلىيەتتە ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم بەلگىلەشتۇر، ھېچقانداق زۇڭتۇڭ بۇنداق قىلمايدۇ. ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ نامزاتىمۇ قىزىق سىزىق سىزمايدۇ، مەسىلەن، 2008- يىلىدىكى مىك كائىن، 2012- يىلىدىكى رۇمنېي قاتارلىقلار.