
جاۋۋىي رولاد قىزىل ھاراق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن چەۋەندازلىق ئوردىنىنى تاپشۇرۋالماقتا

16-سىنتەبىر، فىرانسىيەنىڭ پوردو ۋىلايىتى مۇقەددەس ئەنمىننو شەھەر مەركىزىدىكى ھاراق ئېچىتىش مەيدانىدا جۇڭگولۇق ئارتىس جاۋۋىي رولاد قىزىل ھاراق جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن ئوردىن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگولۇق كىنۇ چولپىنى، فىرانسىيە مىنلو ھاراق زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى جاۋۋىيغا 16-سىنتەبىر فىرانسىيەنىڭ پوردو رايونىدىكى مۇقەددەس ئەنمىننو شەھىرىدە رولاد چەۋەنداز ئوردىنى بېرىلدى شۇنداقلا قەدىمقى رولاد قىزىل ھاراق جەمئىيىتىنىڭ تۈنجى جۇڭگولۇق ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى بولۇپ قالدى. جاۋۋىي بۇلتۇر 4 مىليۇن ياۋروغا مۇقەددەس ئەنمىننو شەھىرىدىكى مىنلو قىزىل ھاراق زاۋۇتىنى سېتىۋالغان، بۇ زاۋۇتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى يەتتە گېكتار، يىللىق قىزىل ھاراق ئىشلەپقىرىش ئىقتىدارى 50 مىڭ شېشە.