

ئەنگلىيەدىكى 19ياشلىق قىزنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 31.5سانتىمېتىر
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيەدىكى بىر 19ياشلىق قىزنىڭ پۇتى ناھايىتى يوغان بولۇپ، ياۋروپادىكى پۇتى ئەڭ يوغان ئاياللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ پۇتى ھەتتا ئەنگلىيەدىكى توپ چولپىنى كىروچنىڭ پۇتىدىنمۇ خېلى بەك يوغانكەن.
خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەنگلىيەلىك قىزنىڭ ئىسمى ئېمما.چاھىل بولۇپ، بۇ يىل 19ياشكەن، ھوسىت شەھىرىلىك، ئوكسفورد برۇكس ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.95مېتىر كېلىدۇ، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا 31.5سانتىمېتىر چىقىدۇ، بۇ نورمال قىزلارنىڭ پۇتىنىڭ ئىككى ھەسىسىگە باراۋەر، ھەتتا يەنە بويى ئىككى مېتىر كېلىدىغان ئەنگلىيە توپ چولپىنى كىروچ(ئۇنىڭ پۇتى 29.5سانتىمېتىر چىقىدۇ)نىڭكىدىن ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇن.
ئاياغ ئېلىش ئېممانىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى، چۈنكى ياۋروپا قىتئەسىدە پەقەت گىرمانىيەدىلا ئۇنىڭغا كېلىدىغان چوڭ ئاياغلار سېتىلىدۇ.