
جۇڭگو ئاخبارات تورى 18 - سىنتەبىر تېلگىراممىسى خەۋەر قىلىدۇ:
تايلاندلىق 39 ياشلىق ئەر مەكتەپ ئىچىدە ئوت ئوتاۋىتىپ بىر سەكسەنپۇتنى بايقىغان ۋە ئۇنى تىرىك يۇتۇۋېلىپ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇ ئەر باڭكوكنىڭ شەرقى شىمالىيدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باغۋىنى ئىكەن. 17 - سىنتەبىر ئۇ ئوت ئوتاۋاتقاندا سەكسەنپۇت ئۇنى چېقىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەكسەنپۇتنى تۇتىۋىلىپ تىرىك پېتى يۇتۇۋەتكەن. 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ياندۇرۇشقا باشلىغان، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئۇنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى بىلمەي ئۇنى يۆلەپ سايىدا ئارام ئالغۇزغان. خىزمەتدىشى ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىككى سائەتتىن كېيىن قايتىپ كېلىپ قارىسا ئۇنىڭ يۈزلىرى قارىداپ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ قالغانىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەر ئوت ئوتاشتىن بۇرۇن ھاراقنى كۆپ ئېچىۋالغانىكەن، يەرلىك ئورگانلار جەسەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقىي ئۆلۈم سەۋەبىنى تېپىپ چىقماقچىكەن.