ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
دۇنيادىكى كارامەت قىممەت 10چوڭ ئېنېرگىيە تۈرىنى ئاڭلىغانمۇ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
دۇنيادىكى كارامەت قىممەت 10چوڭ ئېنېرگىيە تۈرىنى ئاڭلىغانمۇ
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  
[ئامېرىكا «بايلىق»قوش ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى]
     10-رەتتە تۇرۇدىغىنى: جۇڭگو سەنشا چوڭ توسمىسى (28مىليارد دوللار)
    چاڭجياڭ دەرياسىدا چوڭ توسما ياساش تەسەۋۋۇرى 70يىل  ئىلگىرىلا پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1992-يىلى  ئاندىن بۇ تۈرنى تەستىقلىغان.
    سەنشيا تۈرىدە باسقۇچلارغا بۆلۈنۈپ توك سىمى تارتىلىپ، بۇ يىل يازدا ئاندىن ئومۇميۈزلۈك توك تارقىتىلدى. سەنشيا چوڭ توسمىسى يىلدا 84مىليارد 700مىليون كىلوۋات توك تارقاتقاندا، جۇڭگونىڭ %10ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنى تەمىنلىيەلەيدۇ.
     9-رەتتە تۇرۇدىغىنى: ئاۋسترالىيەGLNGتۈرى (30مىليارد دوللار)
     بۇ تۈر كۆمۈر قاتلىمىدا بايقالغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق 260مىل يىراقلىققا توشۇلىدىغان كىچىك ئارالدا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ.
    ئۇ يەردە تەبىئىي گاز نۆلدىن تۆۋەن 258 گىرادۇستا سوۋۇتۇپ سۇيۇقلاندۇرۇلۇپ، ئاندىن نېفىت پاراخوتىغا قاچىلىنىپ ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە كارخانىسى ۋە باشقا كۆپ خىل سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ، يەنە ئىستېمالچىلار ئىسسىنىش ياكى تاماق ئېتىشكە ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
     بۇ قېتىمقى باھالانغان ئون چوڭ ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ ئالتىسى ئاۋسترالىيەدە بولۇپ، بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ زور مىقداردىكى تەبىئىي بايلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئاسىيا بازىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
     8-رەتتە تۇرۇدىغىنى: كاناداKearIتۈرى (33مىليارد دوللار)
   بۇ ياسىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مايلىق قۇم تۈرى بولۇپ، بۇ تۈر تاماملانسا ئابېرتا ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى نېفىت قېزىش تۈرىدە كۈندە 345مىڭ تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.  
بۇ تۈردە مايلىق قۇم ئارىسىدىن ئايرىپ ئېلىنغان قارىماي قايتا تاۋلىنىپ خام نېفىتقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
     بۇ تۈرنىڭ باياناتچىسى: نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق شىمالىي ئامېرىكادىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا توشۇلىدۇ، دېدى.
     7-رەتتە تۇرىدىغىنى: ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند كۇرتىس سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرى (34مىليارد دوللار)   
      بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەنە بىر كۆمۈر قاتلىمىدىن تەبىئىي گاز ئېلىنىدىغان تۈر.
   تەبىئىي گازنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، جۇڭگو، ياپونىيە، سىنگاپور ۋە چىلى قاتارلىق تىنچ ئوكيان بازىغا سېتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
   6-رەتتە تۇرىدىغىنى: ئاۋسترالىيە ۋېتستون تۈرى (35مىليارد دوللار)
        بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى يەنە بىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرى. «Chevron»شىركىتى بۇ تۈرنىڭ ٪64پاي چېكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ تۈر بۇ شىركەتنىڭ دۇنيادا باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ئېچىۋاتقان تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
   5-ئورۇندا تۇرۇدىغىنى: ئاۋسترالىيە تىنچ ئوكيان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرى (37مىليارد دوللار)  
     بۇ تۈردە ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۆمۈر قاتلىمىدىن تەبىئىي گازنى ئايرىلىدۇ.
       جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى بۇ يەردىن 20يىللىق تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى. ياپونىيە«Kansai»ئېلېكتر شىركىتىمۇ بۇ يەردىكى تەبىئىي گازنىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى.
     4-رەتتە تۇرىدىغىنى: روسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى نېفىتلىك تۈرى (41مىليارد دوللار)
    شىمالىي قۇتۇپتىكى بۇ نېفىتلىك كارا دېڭىزىغىچە سوزۇلغان يېرىم ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يەردە 173تىرىليون كۇب فۇت تەبىئىي گاز بار ئىكەن.
    يىراق چەت رايوندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ. روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەشيالىرى ھەم تەبىئىي گاز توشۇش ئۈچۈن تۇرۇبا يولى ياسىشىغا توغرا كېلىدۇ. 
   3-رەتتە تۇرىدىغىنى: ئاۋسترالىيەArcher Atlantis تۈرى (43مىليارد دوللار)
    بۇ تۈر ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان. تەبىئىي گاز بىلەن گازلىق ئارىلاشما ماددا دېڭىز يۈزىدىن سۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن ئايرىۋېلىنىدۇ. گازلىق ئارىلاشما ما         
ددىسىنى نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتى ۋە بېنزىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي گاز 550مىل ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز ئاستى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق دېڭىز قىرغىقىنىڭ يېنىدىكى زاۋۇتقا توشۇلۇپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
     2-رەتتە تۇرىدىغىنى:  ئاۋسترالىيەنىڭ كولگوڭ تۈرى (57مىليارد دوللار)
      كولگوڭ تۈرى ئاۋسترالىيەنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز تۈرى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، «Chevron»شىركىتى بۇ تۈرنى ئېچىشقا مەسئۇل ئاساسلىق شىركەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەبىئىي گازلىق ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىزغا 80دىن 125مىلغىچە كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، 40تىرىليون كۇب فۇت تەبىئىي گاز بارلىقى، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
    1-رەتتە تۇرىدىغىنى: قازاقىستاننىڭ كاشاگان نېفىتلىكى (116مىليارد دوللار)
   كاشاگان نېفىتلىكى ئۆتكەن 40يىلدىن بۇيان بايقالغان ئەڭ چوڭ نېفىتلىكنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا ئېچىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ سانائەت ئېچىش تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
      بۇ نېفىتلىك كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولغاچقا ئارقا سەپ تەمىناتى خىرىسقا دۇچ كەلگەن. نېفىتنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان تۆمۈر يول لىنىيەسى، تۇرۇبا يولى ۋە پاراخوت ئارقىلىق توشۇشقا توغرا كېلىدۇ.
 

يېڭى خەۋەرلەر
سېمىز مەھبۇس ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
سېمىز مەھبۇس ئۆل...
ئوبامانى قوغداۋاتقان ئالاھىدە خادىم كىچىك تەرەت قىلغان دەپ ئەيىبلەندى
ئوبامانى قوغداۋ...
ھىندىستانلىقلارنىڭ سىز كۆرمىگەن ھەقىقىي تۇرمۇشى
ھىندىستانلىقلار...
ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى - ئىتالىيە
ياۋروپانىڭ مەدە...
ياۋروپادىكى پۇتى ئەڭ يوغان 19ياشلىق قىز
ياۋروپادىكى پۇت...
راك كېسىلى بار ئايال ئىچىدىكى ئۆسمىنى يۆتىلىپ چىقىرىۋەتتى
راك كېسىلى بار ئ...
ھۇرۇن ئادەملەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئاجايىپ غەلىتە مەھسۇلاتلار
ھۇرۇن ئادەملەر ئ...
توردا 103 مەشھۇر شەخس كىرگۈزۈلگەن رەسىم تارقالدى
توردا 103 مەشھۇر ش...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
دۇنيادىكى كارامەت قىممەت 10چوڭ ئېنېرگىيە تۈرىنى ئ...
ئىران ھاۋا ئارمىيەسىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سە...
سېمىز مەھبۇس ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ ق...
لىۋىيە ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەن جىنايەت...
مېكسىكىدىكى بىر تۈرمىدە 132نەپەر مەھبۇس يەرنى كول...
ئوبامانى قوغداۋاتقان ئالاھىدە خادىم كىچىك تەرەت ...
ھىندىستانلىقلارنىڭ سىز كۆرمىگەن ھەقىقىي تۇرمۇشى
ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى - ئىتالىيە
ياۋروپادىكى پۇتى ئەڭ يوغان 19ياشلىق قىز
راك كېسىلى بار ئايال ئىچىدىكى ئۆسمىنى يۆتىلىپ چى...
ھۇرۇن ئادەملەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئاجايىپ غەلىت...
توردا 103 مەشھۇر شەخس كىرگۈزۈلگەن رەسىم تارقالدى
37-نۆۋەتلىك تورونتو خەلقئارا كىنو بايرىمىدىن جۇڭگ...
تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى پارتلاشتا سەككىز ساقچى قاز...
فىرانسىيە جۇڭگولۇق كىنۇ چولپىنى جاۋۋىيغا چەۋەند...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526