
رىدلى سىكوت رېژىسسورلۇق قىلغان ئۈچ ئۆلچەملىك فانتازىيىلىك فىلىم «پىرومىزىيۇس»جۇڭگودا قۇيۇلغاندىن بۇيانقى تەسىرى يامان ئەمەس بولدى،فىلىم تەپسىلاتىدىكى ۋەقەلىكلەرمۇ توختىماي ئەۋج ئېلىپ تۇردى.ئەمما مىچىل فېسپىندىر رول ئالغان بىئونىكىلىق ئادەم داۋى ئىزچىل مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلدى.ھازىر «پىرومىزىيۇس»نىڭ نۇرغۇنلىغان كېسىۋېتىلگەن بۆلەكلىرى ئاشكارىلانغىلى تۇردى،ئۇ بولسىمۇ كىنوخانىدا قۇيۇلمىغان بىر بۆلەك «بوشلۇق چەۋەندازى» داۋىيغا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى،ئۇنىڭدىن باشقا كىنوغا كىرگۈزۈلمىگەن ئەسلى ئاۋازدىكى بىر قىسىم بۆلەكلەرمۇ ئاشكارىلانغىلى تۇردى.
«پىرومىزىيۇس» نىڭ خاتىمىسىدە بوشلۇق چەۋەندازى ئاخىرى ئويغىنىدۇ.قېرى مىليونېر ۋىلەند بەرپا قىلغۇچى باشلىقىدىن سوئال سورىغان.داۋى ئارقىلىق ئۇنى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن،بوشلۇق چەۋەندازى ھېچقانداق گەپ قىلماستىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ.نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر بۇ يەردىكى مەسىلە چوقۇم بىئونومىكىلىق ئادەم داۋىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ.ئۇ زادى مەقسەتلىك ھالدا ۋىلەندنىڭ گېپىنى قايدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى زىيانغا ئۇچراتقانمىدۇ؟كىنودىكى كونا تىلدا گەپ قىلىدىغان داۋىينىڭ تىلىنى ئېكران ئاستىدىكى خەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن.كىنوغا تەكلىپ قىلىنغان تىل پروفېسسورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇ گەرچە يامان غەرەزدە بولغان بولسىمۇ بىراق بوشلۇق چەۋەندازىغا ھەقىقەتەن گەپنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلغان:«بۇ قېرى سىنى ئىزدەپ كەپتۇ،ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۇسۇلىنى بىلمەكچىكەن»بىراق ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بۇ قىسىمدا داۋىي ۋىلەندگە بوشلۇق چەۋەندازىنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلىپ بەرمىگەن.بۇ ھەقىقەتەن ۋىلەندنىڭ ئۆلسىمۇ كۆزى يۇمۇلمىغۇدەك بىر ئىش.