
ئوۋ دىنىڭ قىز دوستىمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارەتتە گۈلنەزەر «ياق» دېگىنىچە بېشىنى چايقاپ ئىنكار قىلدى، ھالبۇكى مۇخبىر ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى ۋە قاردەك ئاق، يۇمران تېرىسىنى ماختىغاندا، ئۇ ئىلگىرى يۈزىدە نۇرغۇن دانىخورەك بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گۈلنەزەر ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۇسسۇل ئۆگەنگەن، 16 يېشىدىنلا باشلاپ قوشۇمچە مودىل بولغان. 2011-يىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا بېيجىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىمتىھان بەرگىلى بارغاندا، مەيدانغا كىرىشى بىلەن ئالاھىدە بولغان سىرتقى قىياپىتى بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتقان. ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ مۇخبىرى، فوتوگرافلار، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار كېلىپ ئۇنى رەسىمگە تارتىپ كەتكەن، ھەتتا كىنو-تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى نەق مەيداندا ئۇنىڭغا سىناپ سۈرەتكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن، 2012-يىلى ئۇ «شۈئەنيەن قىلىچى» ناملىق فىلىمدە مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا رول ئالغان.

بېيجىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ گۈزىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەينى ۋاقىتتا بۇ فىلىمدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا، بەكلا بىسىم ھېس قىلىپ كەتكەن ئىدىم، قانداقلا بولمىسۇن، ھېچقانداق فىلىمدە رول ئېلىپ باقمىغاچقا رولنى ياخشى ئالالماسلىقىمدىن بەكلا قورقتۇم. دەل مۇشۇنداق بىسىم بولغاچقا ئۇنىڭ يۈزىگە دائىم دانىخورەك چىقىپ قېلىپ، ئۇنى بەكلا بىزار قىلىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ دېيىشىچە، دانىخورەك يوقىتىشتا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بار بولغاچقا، شۇنداقلا ئىچى-تېشىدىن تەڭلا تەڭشەش ئېلىپ بارغاچقا بۇ دانىخورەكلەر يوق بولۇپ كېتىپتىكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى ئۇنىڭ يۈزىدە دانىخورەكلەر بەكلا كۆپ بولۇپ، بۇلارنى يوقىتىشتا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تاپالمىغاچقا گىرىم بىلەن يوشۇرۇپ يۈرگەنىكەن. كېيىن باشقىلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مەلۇم بىر گىرىم بۇيۇمىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپتۇ، شۇنداقلا كەچتە بالدۇر ئۇخلاپ ئەتتىگەن سەھەر قوپىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپتۇ، مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەرمۇ ئازىيىپ كېتىپتۇ.
