ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ياردەمگە موھتاج سەبىي بالىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىۋاتقان نازىنىن چولپانلار - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> قىزىق نۇقتا >>
ياردەمگە موھتاج سەبىي بالىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىۋاتقان نازىنىن چولپانلار
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  


1.خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىش بىلەن نام چىقارغان داڭلىق چولپان زۇ خەي 98-يىلى ‹كىم ئۈچۈن›، ‹ئامەت›، ‹تاغلىقتىكى بەخت ناخشىسى› قاتارلىق خەلق ناخشىلىرى بىلەن ھەممەيلەنگە تونۇلغان ياش چولپان. ئۇ ناخشا ساھەسىدە نام قازىنىشتىن باشقا يەنە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولۇپ، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىۋالغان. ئۇ ئىلگىرى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ پۇل ئىئانە قىلىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن. ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى ئۈچۈن 500مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ ، يۇرتى ئەنخۈيدە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرغان. ئۇنىڭ بۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى تورداشلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن.


 

2.شياۋيەنزى ئوبرازى بىلەن چوڭ-كىچىك، قېرى -ياش ھەممەيلەنگە تونۇلغان داڭلىق چولپان جاۋۋېي ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشلىغان. قەلبى مېھرىبانلىق بىلەن تولغان بۇ چولپان يەنە مەخسۇس مېيىپ بالىلار خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. ئۇ 14-قېتىملىق بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو بايرىمىدا ‹ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا  ئېرىشكەن ئايال ئارتىس›مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ھەمدە مۇكاپات بويۇمىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، بىر مىليوندىن كۆپرەك پۇلنى ئەما بالىلارغا ئىئانە قىلغان.


 

3.بالىلارنىڭ يېتىلىشىدىكى كەمتۈكلۈك ئاتا-ئانا بولغۇچىنى ئەڭ ئازابلايدىغان ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەنە شۇ فىزولوگىيىلىك يېتىلىشىدە كەمتۈكلۈك بولغان بالىلار ئۈچۈن ئۈمىد نۇرى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىزچىل بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقان، ناخشا ساھەسىدە نام قازانغان چولپان ۋاڭ فېي. ئۇ كۆپ قېتىم خەير-ساخاۋەت ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ يىغىلغان پۇللارنى ياردەمگە موھتاج بالىلارغا ئىئانە قىلغان.


 

4.جاڭ لىياڭيىڭ قابىليەتلىكلەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدىن چىققانلار ئىچىدىكى ئەڭ نام قازانغان چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئوخشاشلا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىۋاتقان مېھرىبان ياشنىڭ بىرى. ئۇ نامرات رايونلاردىكى بالىلار ئۈچۈن ئوقۇش ماتېرىيالى ئېلىپ بەرگەن ھەمدە ھەر خىل شەكىلدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن.


 

5.كۆپ يىللاردىن بۇيان شۈ روشۈەن ياش ھەم زىلۋا قىياپىتىنى ساقلاپ، ئېكرانلاردا ئاجايىپ ئۇنتۇلغۇسىز ئوبرازلارنى يارىتىپ كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتىنى بىلگەندىن سىرت ئۇنىڭ مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. ئۇ تور دۇكىنى ئېچىپ، ياردەمگە موھتاج بالىلارغا ياردەم بەرگەن.


 

6.لياڭ يوڭچى تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسى بىلەن تاماشا ساھەسىگە يېڭى قەدەم قويۇپ بۈگۈنگە قەدەر نام قازىنىپ كېلىۋاتماقتا. ئۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئەلچىسى بولغان ھەمدە بېنگال، كامبودژا، جاڭشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىقجايلارغا بېرىپ قىيىنچىلىقتا قالغان نامرات بالىلارغا ياردەم قىلغان.


 

7.جا جىڭۋېن تاغلىق رايوندىكى نامرات بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ساياھەتكە چىققان، ئاجىز، مېيىپ بالىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بالىلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.


 

8.ھەربىي سەنئەتكاردىن كېلىپ چىققان چولپان سۈنلى ھازىر قالتىس نام قازىنىپ ھەممەيلەنگە تونۇلدى. ئۇ رول ئالغان فىلىملەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى. كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرىدۇ. ئۇ پەقەت گۈزەللىك ۋە قابىلىيەتتە يېتىشكەن تالانتلىق چولپان بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ياردەمگە موھتاج بالىلار ئۈچۈن قىلغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئاجايىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ مېيىپ يېتىم بالىلار ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن. 

 

يېڭى خەۋەرلەر
ياردەمگە موھتاج سەبىي بالىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىۋاتقان نازىنىن چولپانلار
ياردەمگە موھتاج ...
داڭلىق چولپان بېكخام ئۈچ ئوغلى بىلەن بىرگە مۇسابىقە كۆردى
داڭلىق چولپان بې...
داڭلىق چولپان جاۋۋېي بىلەن يولدىشىنىڭ بىرگە چۈشكەن سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
داڭلىق چولپان جا...
داڭلىق چولپان كەيت ھولمىس ئوماق قىزى سۇرى بىلەن كوچا ئايلاندى
داڭلىق چولپان كە...
قېرىنداش ئارقىلىق سىزىلغان ئاجايىپ مىكرو «سۈرەتلەر»
قېرىنداش ئارقىل...
مودا ئېقىم خانىشى مادوننا قىزى بىلەن چېنىقىش مەركىزىدە پەيدا بولدى
مودا ئېقىم خانىش...
ئانجىلىنا جۇلى ئىراق مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە سوۋغىتىغا ئېرىشتى
ئانجىلىنا جۇلى ئ...
شاھزادە ۋېليام ئايالى كەيت بىلەن سولومىن تاقىم ئارىلىدا
شاھزادە ۋېليام ئ...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ياردەمگە موھتاج سەبىي بالىلارغا مېھرىبانلىق يەت...
ھوللىېۋودتىكى ئاشىق-مەشۇق چولپانلار «ماراقچىلار...
داڭلىق چولپان بېكخام ئۈچ ئوغلى بىلەن بىرگە مۇساب...
داڭلىق چولپان جاۋۋېي بىلەن يولدىشىنىڭ بىرگە چۈشك...
داڭلىق چولپان كەيت ھولمىس ئوماق قىزى سۇرى بىلەن ك...
قېرىنداش ئارقىلىق سىزىلغان ئاجايىپ مىكرو «سۈرەت...
مودا ئېقىم خانىشى مادوننا قىزى بىلەن چېنىقىش مەر...
ئانجىلىنا جۇلى ئىراق مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە سوۋغ...
چەتئەل ئەڭ يېڭى كىنولىرىنىڭ ئاجايىپ قالتىس تەشۋى...
شىنجاڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق كىنو كۆرىك...
بالوندىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ غەلىتە مەخ...
نيويورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى سەھنە ئارقا كۆرۈنۈش...
ئانجىلىنا جۇلى بېيرۇتتا مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇ...
ياش چولپان ۋېكتورىيە جاستى ئۆزگىچە مۇقاۋا سۈرەتك...
ھوللېۋودتىكى بىر-بىرىگە ئاجايىپ ماسلاشقان بىر جۈ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526