فرانسىيىدىكى بىر تېخنىكا بلوگى باشقىچە يول بىلەن ئالما پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغان iPhone 5نىڭ Dockسىمىنى قولغا چۈشۈرگەن، رەسىمدىن بۇنىڭ بىر miniشەكىلدىكى ئۇلاش سىمى ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى خەۋر قىلىنغىنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە iphone 5غا ئەڭ يېڭى بولغان توققۇز ياكى سەككىز سترېلكىلىق Dockچېتىش ئېغىزى ئىشلىتىلىدۇ دىيىلگەن، لېكىن رەسىمدىن سەككىز سترېلكىلىق چېتىش ئېغىزى ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەقىقەتەن Dockئۇلاش سىمى ياكى ئەمەسلىكى تېخى دەلىللەنمىگەن بولۇپ، 9-ئايدا ئالما يېڭى ئەۋلاد iPhoneنى ئېلان قىلغاندىلا ئاندىن ئايدىڭلىشىدۇ.