10 دانە كاشتان بىر چىنە تاماق بىلەن باراۋەر
قىشتا ئۆچرەت تۇرۇپ قورۇلغان كاشتان سېتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈش دائىم كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما سىز بىلەمسىز، 10 دانە پوستى ئېلىۋىتىلگەن كاشتاننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 170 كىلوكالورىيە ئەتراپىدا ئىكەن، 100 گىرام گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بولسا 116 كىلوكالورىيە، بىر پىيالە گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئېغىرلقى تەخمىنەن 150 گىرام دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 174 كىلوكالورىيە بولىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق سىز 10 دانە كاشتان يېسىڭىز، بىر پىيالە گۈرۈچ تامىقى يىگەن بىلەن باراۋەر بولدىكەنسىز. شۇڭا كاشتان ھەرقانچە يىيىشلىك بولغان تەقدىردىمۇ، نەپسىمىزنى يىغىپ يەيلى.